تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى

___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى

(2017–يىلى 12–ئاينىڭ 1–كۈنى، بېيجىڭ)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك ھەرقايسى دۆلەت پارتىيە رەھبەرلىرى:
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:
    كۆپچىلىك، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن! بۈگۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پارتىيەسى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. كۆپچىلىك يىل ئاخىرىدا خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، يەنىلا قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، بېيجىڭغا يىغىلىپ، ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
    مەن بۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن، ھەم شەخسىي نامىمدا يىراقتىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا نۇرغۇن پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى خەت ۋە تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، مەن بۈگۈنكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن!
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغىچە بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانى پىلانلىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغان سەمىمىي ئارزۇسى تەنتەنىلىك جاكارلاندى. پارتىيە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. بۇ يەردە ئولتۇرغانلار دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 300دەك پارتىيەسى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى. مەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە تەسىراتلىرىمىزدىن ئورتاق بەھرە ئېلىشنى خالايمەن.
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!
    قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىنسانىيەتنىڭ ھارماي – تالماي ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئارزۇسى. نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا ئىنسانىيەت پارلاق مەدەنىيەت نەتىجىسىنى ياراتقان بولسىمۇ، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل تەبىئىي ئاپەت، كېسەل، ۋابا بىلەن ئىنسانلار سانسىزلىغان جەبىر – جاپالارنى تارتىپ، ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى. بۈگۈن ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن مىسلىسىز باغلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن دۇنياۋى مەسىلىنىڭ سانىنىڭ كۆپ، كۆلىمىنىڭ زور، دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق بولۇشىمۇ مىسلىسىز بولدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بارغانسېرى زىچ باغلاندى.  
    مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت ئىككى خىل تاللاش يولىغا دۇچ كەلدى. بىرى، كىشىلەر ھوقۇق – مەنپەئەت تالىشىش ئۈچۈن يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلەشتى، ھەتتا تىغ كۆتۈرۈشتى، بۇ، ئاپەت خاراكتېرلىك كىرىزىس پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، كىشىلەر دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، بىر مەقسەتتە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىدى. بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.
    جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، بىراق يېقىنقى زاماندىن كېيىن، قانلىق ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. جۇڭگو خەلقى تەقدىرگە باش ئەگمىدى، بەلكى باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داغدام يولىدا ماڭدى. تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىزدەك قەدىمىي مىللەتنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشىمىزغا تىرەك بولغىنى، 5000 يىلدىن كۆپرەك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشىغا تىرەك بولغىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن مەدەنىيەت گېنىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن ‹‹ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرى››نى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتۈن خەلق مېنىڭ قېرىندىشىم، خەلق ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈش، ھەرقايسى دۆلەتلەر دوستانە ۋە قېرىنداشلاردەك ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ‹‹داغدام يولدا مېڭىش، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولۇش››تەك گۈزەل دۇنياغا تەلپۈندى. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياكى بۇنداق، ياكى ئۇنداق ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا تۈرلۈك سۈركىلىشلەردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوخشاش كۆك ئاسمان ئاستىدا ياشاپ، ئوخشاش بىر ماكانغا ئىگە بولغاچقا، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشى كېرەك، دەپ قارايمىز. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ‹‹ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دەيدىغان ئىدىيەدە بولۇپ، قوينىنى ئېچىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
    مەن 2013 – يىلى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن خۇشاللىنارلىق ھالدا شۇنى كۆردۈمكى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قوللىشى ۋە قوشۇلۇشىغا ئېرىشتى، بۇ تەشەببۇس ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئايلانماقتا.
    مېنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. تۆت يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان غايەت زور ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ قالدى. تامچە – تامچە سۇدىن دېڭىز، سانسىزلىغان يۇلتۇزلاردىن سامانيولى ھاسىل بولدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىرلىكتە پىلانلاپ، بىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاز – ئازدىن تىرىشىپ، تەدرىجىي ھارماي كۈرەش قىلسىلا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيدۇ.
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!
    ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەنىسى ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، يەنى ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى زىچ باغلانغان، شۇڭا بوران – چاپقۇنغا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئۆزىمىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ پىلانېتنى ئىناق چوڭ ئائىلىگە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
    بىز ۋەھىمىدىن يىراق، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ئىزچىل مەڭگۈلۈك تىنچلىققا ئىنتىزار بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش ئەزەلدىن يىراقلاپ باقمىدى، ئىنسانلار باشتىن – ئاخىر ئۇرۇش ئوتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارىدا ياشايدۇ، بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى باشقا دۆلەتنىڭ خەۋپ – خەتىرى ئۈستىگە قۇرۇلسا بولمايدۇ، باشقا دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن تەھدىت شۇ دۆلەتنىڭ تەھدىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان، ئۇنىۋېرساللىشىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى ئالدىدا، ئۆز ئالدىغا يەككە جەڭ قىلغان بىلەن بولمايدۇ، قورال كۈچىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل ۋە ھەققانىي، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇشنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى ئورتاق يوقىتىپ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغان ئاۋامنى ئورتاق قۇتقۇزۇپ، ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئورتاق قوغداپ، زېمىندا تىنچلىق نۇرىنى چاقنىتىپ، ھەممەيلەننى ئەمىنلىك ۋە خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.
    بىز نامراتلىقتىن خالىي، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا ماددىي تېخنىكا سەۋىيەسى تەرەققىي قىلىپ، قەدىمكىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، لېكىن تەرەققىيات تەكشى، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرق يەنىلا زور بولماقتا، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق يەنىلا ئېغىر بولماقتا، يېڭى رەقەملىك ھاڭ شەكىللەنمەكتە، دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئەگەر سەن يېڭىلسەڭ، مەن يېڭىمەن دەيدىغان، يەڭگەنلەر ھەممىنى يۇتۇۋالىدىغان كونا مەنتىقە بويىچە ئىش تۇتساق، ئۆزئارا ئالدىشىپ، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان كونا ئۇسۇلنى قوللانساق، نەتىجىدە جەزمەن باشقىلارنىڭمۇ، ئۆزىمىزنىڭمۇ يولىمىز توسۇلۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسىمىز چىرىيدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ‹‹مەنمۇ ياخشى بولسام، سەنمۇ ياخشى بولساڭ، ھەممەيلەنگە ياخشى بولىدۇ›› دەيدىغان تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، كەڭ قورساق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭكەش، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتتىكى خەلق ھېلىھەم دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق ۋە قالاقلىقنى ئورتاق تۈگىتىپ، دۇنيادىكى بالىلارغا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەممەيلەننى باياشاتلىق ۋە ئەمىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.
     بىز بېكىنمىچىلىكتىن خالىي، ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگودا كونىلارنىڭ ‹‹مەۋجۇداتلار تەڭ ياشار زىيان سېلىشماي، ھەمراھ بولۇپ ماڭىمىز قارشى ئىش قىلماي›› دەيدىغان گېپى بار. مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، مەدەنىيەت ئالاقىسى، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئورتاق جۇلالاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلماقتا، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەر ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى مەنىۋى كۈچ بىلەن ئورتاق تەمىن ئېتىشى كېرەك. بىز دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت ياراتقان ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى تەڭ جۇلالاندۇرۇپ، رەڭدار، كۆركەم كارتىنا ھاسىل قىلىپ، رېئال تۇرمۇشتىكى مەدەنىيەت توسۇقلىرىنى ئورتاق يوقىتىپ، ئىنسانىيەت قەلبداشلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان خاتا كۆزقاراشلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ باردى – كەلدى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مەنىۋى ئارازلىقلارنى ئورتاق تۈگىتىپ، ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى ئىناق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممەيلەننى مەدەنىيەتنىڭ ھۇزۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.
    بىز تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك. يەر شارى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ماكانى، شۇنداقلا تا ھازىرغىچە ئىنسانىيەتنىڭ بىردىنبىر ماكانى بولۇپ كەلدى. ھازىر بەزىلەر ئالەم بوشلۇقىدىن ئىنسانىيەتكە يېڭى ماكان ئىزدەۋاتىدۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بىر ئارزۇدىن ئىبارەت. ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى يەر شارىدا ياشايدۇ. بۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت. ئۆزىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن يەر شارىدىن ئىبارەت ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تەبىئەتتىن ھېيىقىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغدىشىمىز، ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدىغان يەر شارىدىن ئىبارەت ماكانىمىزنى ئورتاق قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ قاتمۇقات جاراھىتىنى ئورتاق داۋالاپ، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئىنسانىيەت ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ‹‹تەبىئىي كۈتۈنۈپ ماغدۇرىغا كېلىش›› ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممەيلەننى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!
    ھازىر دۇنيا ئەندىزىسى، تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۆزگەرمەكتە، ھەرقايسى پارتىيەلەر دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەت، مىللەت، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. بىز يۈكسەك غايە تىكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆز دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانى، ئومۇمىيەتنى ۋە يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، دەۋرنىڭ بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بىز خەلق ئەھۋالىنى چوڭقۇر، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەپ، خەلق ئېھتىياجىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، ئاساسىي مەقسىتى، نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزىشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز ئوخشاشمىغان مىللەت، ئوخشاشمىغان ئېتىقاد، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاشمىغان رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئورۇندىشىمىز كېرەك.
    ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىگە ئېھتىياجلىق. بىز ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلام، كۆپ نۇقتىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەپەككۇر يولىنى تېپىپ، ئىدىيەنى يۈكسەلدۈرۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېرىشىشىمىز كېرەك. ئوخشاشمىغان دۆلەتلەردىكى پارتىيەلەر ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ شەكىل، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا پارتىيەلەر ئالاقە، ھەمكارلىق تورى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
    ئىشنى قىلغاندىلا، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، يولدا ماڭغاندىلا، ئۇنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش بىر تارىخىي جەريان، ئۇنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇزاققىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي، توختىماي تىرىشىشىمىز، رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكىگە قاراپلا ئارزۇدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز، شۇنداقلا غايە يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك.
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پارتىيە. مەن: چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك، دېگەنىدىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلىۋاتقان بارلىق ئىشنىڭ مەقسىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشقانلىقىمىزدۇر. بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىمىز، ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. بىز چەت ئەل ئەندىزىسىنى ‹‹كىرگۈزمەيمىز››، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنى ‹‹سىرتقا چىقارمايمىز››، باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئۇسۇلىنى ‹‹تەقلىد قىلىشى››نى تەلەپ قىلمايمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  
    بىرىنچى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە  تۆھپە قوشىدۇ. تەخمىنەن 100 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو جەمئىيىتىدە كۈچلۈك داۋالغۇش بولۇۋاتقان مەزگىلدە قۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان چاغدىكى ۋەزىپىسىنىڭ بىرى جۇڭگودا 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى تۈگىتىپ، ئازاب – ئوقۇبەتتە قالغان خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش ئىدى. 1921 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە جۇڭگودا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى خاتىرجەم ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 28 يىلغا سوزۇلغان قوراللىق كۈرەش قىلىپ، غايەت زور قۇربانلىقلارنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تىنچلىقنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا تىنچلىقنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگە. جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭىدۇ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاشقا ئەۋەتكەن خادىملىرى 36 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ئەسكەر ھەم مەبلەغ چىقارغان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلاندى. مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگونىڭ 2500 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر – ئەسكىرى تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان سەككىز رايوندا جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەردىن قورقماي، شۇ يەردىكىلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغدىماقتا. جۇڭگو داۋاملىق يەر شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بارسۇن، مەڭگۈ مۇشتۇمزورلۇق قىلمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
    ئىككىنچى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئىچىدىن كەلگەن، خەلققە تايىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورايغان، تارىختىن بۇيان خەلق بىلەن چوڭقۇر رىشتە باغلىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى بىلەن چوڭقۇر رىشتە باغلىغاندىن سىرت، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەنمۇ چوڭقۇر رىشتە باغلىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يالغۇز جۇڭگو خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نۇرغۇن ھەقسىز ياردەم، ئېتىبارلىق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى، تېخنىكا، خادىم، ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن نۇرغۇن مەدەت بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر زور تۈركۈمدىكى تۈرلەرنى يولغا قويدى. بۈگۈن، مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان جۇڭگولۇق ئالىم، ئىنژېنېر، كارخانىچى، تېخنىك خادىم، تېببىي خادىم، ئوقۇتقۇچى، ئادەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچى ۋە پىدائىيلار تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتنىڭ كەڭ زېمىنىدا تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ يەردىكى خەلق بىلەن قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2020 – يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ، 2035 – يىلىغا بارغاندا جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا جۇڭگو باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
    ئۈچىنچى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئۆزگىدىن تەلىم ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىختىن بۇيان دۇنياۋى نەزەر يېتىلدۈرۈشنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى پائال ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى تەكىتلەپ كەلدى ھەم جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللاندى. ماركسىزم دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چەت ئەلدىن ئۆگەنگەن ئىلمىي ھەقىقەت. بىز جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرگە لايىقلاشتۇرۇش ھەم ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىدىكى ئىلمىي نەزەرىيەگە ئايلاندۇردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مەدەنىيەتكە تېخىمۇ ئوچۇق نەزەرى بىلەن قارايدۇ ۋە تېخىمۇ كەڭ قورساق بولىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئەلئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ 15 مىڭ خادىمىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىدۇ. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىش يىغىنىنى مېخانىزملاشتۇرۇپ، ئۇنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە خەلقئارا تەسىرگە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي سۆزلىشىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!
    2000 نەچچە يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان مۇتەپەككۇرى كۇڭزى: ‹‹ئادىل، سەمىمىي، كۆپنى كۆرگەن كىشىنى دوست تۇت، بۇ ئۈچ خىل دوست ساڭا پايدا يەتكۈزىدۇ››، دېگەنىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاھاندىكى كىشىلەرنى دوست تۇتۇشنى خالايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ 400 دىن ئارتۇق پارتىيەسى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرە بولۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتىشنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ!
    ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!
    كۆپچىلىككە رەھمەت!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.