تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كانادا زۇڭلىسى تىرودو بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كانادا زۇڭلىسى تىرودو بىلەن كۆرۈشتى. (شيې خۇەنچې فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كانادا زۇڭلىسى تىرودو بىلەن كۆرۈشتى.
    شى جىنپىڭ تىرودونىڭ جۇڭگوغا يەنە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – كانادا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. جۇڭگو بىلەن كانادا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى شۇ دۆلەت خەلقى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ تامامەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزسە بولىدۇ.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – كانادا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىشتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋىياتسىيە – قاتناش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، پاكىز تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، شۇنداقلا كانادا كارخانىلىرىنىڭمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو – كانادا خەلقى ئارىسىدا چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق بار. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – كانادا دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ 2018 – يىلىدىكى جۇڭگو – كانادا ساياھەت يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو 2022 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشتە كانادانىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىشى كېرەك.
    تىرودو مۇنداق دېدى: مەن رەئىس جانابلىرىنىڭ كانادا – جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. كانادا – جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كانادا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ كەلدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىجابىي ئۇچۇر تارقاتتى. كانادا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايونلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.