تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل ئىچىدىكى 600–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

    لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سائەت 17دە كىيىم – كېچەك، كۈندىلىك بۇيۇملار، ماشىنا زاپچاسلىرى بېسىلغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچىدىن قوزغالدى. بۇ، 2017 – يىلى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان 600 – قېتىملىق جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
    بۇ نۆۋەتچى پويىز بەش كۈندە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارىدۇ. شىنجاڭ ‹‹خۇڭيۈندا›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ياڭ جىڭجېن مۇنداق دېدى: بۇ بەش كۈن مەبلەغنى تېز يىغىۋېلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. تاشكەنتكە بىۋاسىتە بارىدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، مال توشۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقاردى، تەننەرخىمۇ %15تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى.
    شىنجاڭ ‹‹شىنتيې›› خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانى كۆپىيىپ، سۈرئىتى تېزلەشتى، پورتلار كۆپەيدى، دائىرىسى كېڭەيدى، دەسلەپتىكى ھەپتىدە بىر قېتىم، ئىككى كۈندە ئۈچ قېتىم قاتناشتىن ھازىرقى كۈندە ئۈچ قېتىم قاتناشقا كۆپەيدى؛ توشۇلىدىغان يۈكنىڭ تۈرى كۈندىلىك بۇيۇم، كىيىم – كېچەك قاتارلىقلاردىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، نېفىت  –  خىمىيە سانائىتى ماتېرىياللىرى قاتارلىق 200 نەچچە خىلغا كۆپەيدى.
    ھازىر جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆت لىنىيەدىن 18 لىنىيەگە كۆپەيدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە، ئىران، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 17 دۆلەتتىكى 23 شەھەرگە بارىدىغان بولدى.  
    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى نۆۋەتچى پويىزنىڭ تەشكىلىي ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توشۇش قەرەلىنى قىسقارتىپ، قازاقىستان تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى بەرپا قىلدى. 11 – ئايدا ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 85كە يېتىپ، ئايلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
    نەن جۈن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى كۆپ خىللاشقان تىرانسپورت مەھسۇلاتى ۋە توشۇش ئۈنۈمى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مال مەنبەسىنى جەلپ قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە تىرىشىپ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ كۈندە ئۈچ قېتىم قاتنىشىنى نورماللاشتۇرۇپ، يىلدا 700 قېتىم قاتناش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى