تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بەردى، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە كۆيۈنىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، جان  –  دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان داھىيلىق سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، شەھەر – يېزا مەدەنىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، كىچىك نۇقتىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەمەلىي نۇقتىنى تۇتۇپ ئىشلەشتەك ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا، يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان ئىنقىلاب، دەپ قاراپ، ھاجەتخانىنىڭ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار، ئاز، چەتتە بولۇشىدەك كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھاجەتخانا مەدەنىيىتىنى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى مەنزىرە نۇقتىسىدىن پۈتۈن رايونغا كېڭەيتىشكىچە، شەھەردىن يېزىلارغا كېڭەيتىشكىچە، ساننى كۆپەيتىشتىن سۈپەتنى ياخشىلاشقىچە، ھاجەتخانىنى يېپىق باشقۇرۇشتىن ئوچۇق باشقۇرۇشقىچە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامما ئېھتىياجلىق، ئامما ئويلايدىغان، ئامما ئالدىرىغان ئىشلارنى نىشانلاپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، بوشاشماي تىرىشىپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات رايونلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە، نەمۇنە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە قەتئىي ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئاممىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، نامراتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك بولسا كىرگۈزۈش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا چېكىندۈرۈش، يۆلەشكە تېگىشلىك بولسا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، چالا قويماسلىق، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، جانلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىمۇ ئائىلە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، ھەقىقىي نامدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى نىشان – ۋەزىپىگە قارىتىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېيىشتىن، كىيىنىشتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشىنى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىكى ئاساسىي ساھە كۆرسەتكۈچىنىڭ مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئاپتونوم رايوندا نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان يېزا  – كەنتلەردىكى نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلىق مەنبەسىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلىق مەنبەسىنى كەنتمۇ كەنت، ئائىلىمۇ ئائىلە ئىزدەش، نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىش سەۋەبىنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، ‹‹نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش››، ‹‹نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش››نى ئىلمىي ئاساس ۋە قەتئىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. توغرا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي تاكتىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمگە، جايغا، نامراتلىق سەۋەبىگە، نامراتلىق تىپىغا ئاساسەن تەدبىر كۆرۈپ، تەدبىرنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا، يۆلەشنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئالاقە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم كۈچىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇل بولۇش، شەھەر  – ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىنىڭ شۇجىلىرى بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە – ھۆكۈمەت ‹‹بىرىنچى باشلىقى›› ئۆزى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش، ساھەلەر ئارقىلىق يۆلەش، جەمئىيەت ئارقىلىق يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، يۆلەش تۈرىگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باھالاش – تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، جەرياننىڭ پۇختا بولۇشىغا، نەتىجىنىڭ ئەمەلىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.