تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئائىلىدە تەييارلىنىدىغان مېۋە شەربەتلىرى

     ئانار شەربىتى − ئانار تاتلىق ئانار، ئاچچىق ئانار، ناخۇش (تەلۋە) ئانار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
  تاتلىق ئانار شەربىتى: ئانارنى شېخىدىن ئۈزگەندىن كېيىن، ساقلايدىغانلىرىنى ئايرىۋېلىپ، يېرىلغان ياكى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىرىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئەلگەك ياكى نېپىز رەختتىن ئۆتكۈزۈپ شەربەت قىسمىنى تازىلانغان قاچىلارغا ئېلىپ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ، ساقلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئىچىملىك. تاتلىق ئانار شەربىتىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، خۇسۇسىيىتى قاننى كۆپەيتىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.
  ئاچچىق ئانار شەربىتى: تەييارلاش ئۇسۇلى تاتلىق ئانار شەربىتى تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئاچچىق ئانار شەربىتىنىڭ تەبئىيتى سوغۇق. خۇسۇسىيىتى ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا پايدا قىلىپ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، ئادەتتە خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
  ناخۇش(تەلۋە) ئانار شەربىتى: ناخۇش ئانار تاتلىق ئاناردىن سەل چۈچۈمەلرەك، ئاچچىق ئاناردىن تاتلىقراق بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، مىجەزنى تەڭشەيدۇ.
  چىلان شەربىتى: چىلاننى يۇيۇپ قازاندا ئېتى ئېزىلگىچە قاينىتىپ، ئېزىلگەن چىلاننى قازاندىن سۈزۈپ ئېلىپ، ئالقان بىلەن ئېزىپ شەربىتىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ شەربەت تەييارلاپ، ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. چىلان شەربىتى قاننى تازىلاش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.
  جىگدە شەربىتى: جىگدە شەربىتى تەييارلاش ئۇسۇلى چىلان شەربىتى تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش. جىگدە شەربىتىنىڭ تەمى تاتلىق، ئەتىياز ۋە ياز كۈنلىرى كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ، جىگدە شەربىتى ئۆپكىنى ياشارتىپ، يۈرەكنى راھەتلەندۈرىدۇ.
  گۈلە (ئۆرۈك قېقى)سۈيى: گۈلىنى پاكىز يۇيۇپ قاچىغا چىلاپ قويۇپ، ئىككى - ئۈچ سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. گۈلە سۈيى كۆپىنچە ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ. گۈلە سۈيى تەملىك، خۇش پۇراق بولۇپ بەدەندىكى توسالغۇلارنى ھەيدەش، ھەزىمنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.
  قاق (شاپتۇل قېقى)سۈيى: قاق شاپتۇلنىڭ قۇرۇتىۋېلىنغان مېۋىسى. قاق سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى گۈلە سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. قاق سۈيى ئەتىياز پەسلىدە ئادەمنىڭ لەۋ ۋە يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىجەزىنى تەڭشەش، ئىشتىھاسىنى ئېچىش، روھىي ھالىتىنى نورماللاشتۇرۇش، تېرىنى ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە ئېگە.
  ئۈزۈم سۈيى: ئۈزۈم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قەنت ماددىسى كۆپ مېۋە تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتە قۇرۇتۇلغان ئۈزۈمنى سۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىستېمال قىلسا ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، تەمى تاتلىق، تېرىنى پاقىرىتىش رولى بار.
  قارا ئۆرۈك شەربىتى: قارا ئۆرۈكنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. تەبىئىتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  شاتۇت شەربىتى: شاتۇتنى شېخىدىن بىر-بىرلەپ ئۈزۈپ، پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئالقان بىلەن سىقىپ، سۈيىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. شاتۇتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ھارارىتىنى بېسىپ، زۇكام، گال ئاغرىش، نەپەس يوللىرى كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
  جىغان شەربىتى: جىغان تاغلىق، ئېدىرلىقلاردا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېۋىسى كىچىك ، تەمى چۈچۈمەل، رەڭگى قىزىل، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، تەبىئىتى سوغۇق. تەييارلاش ئۇسۇلى شاتۇت شەربىتىنى تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ.
  ئالقات شەربىتى: ئالقات جىغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېۋىسىنىڭ رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئالقاتنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، بۇرۇنقىلار ئالقاتنى سۇغا چىلاپ شەربىتىنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.

شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى