شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 3-دېكابىر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا «ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرىنى ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل سەككىز ياشقا كىرگەن ئادىل قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ سوۋغىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خۇشال بولدى.
شۇ كۈنكى پائالىيەتتە، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دوستلۇق مېھرىنى چىڭىتتى. ھەر مىللەت كىچىك دوستلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە نەق مەيداندىكىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتى ھەمدە ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشتى.
(جياڭ شياۋ فوتوسى)