تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفونغا كۆزقىرىمىزنىمۇ سالمايلى

ۋاڭ چۈن

      مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا يان تېلېفون ئوينىمىدىم، دوقمۇشتىكى قىزىل چىراغدا ساقلاپ تۇرغاندا كەلگەن ئۇچۇرغا قاراپ قويۇپلا يان تېلېفوننى قويۇپ قويدۇم شۇ – ، دەپ چۈشەنچە بەردى شوپۇر ۋۇ ئەپەندى ئاپتوموبىلى قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توختىتىلغان چاغدا.
     ۋۇ ئەپەندى ئېيتقاندەك، دوقمۇشتىكى قىزىل چىراغدا ساقلاپ تۇرغاندا يان تېلېفون ئىشلىتىش قىلمىشىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناش قىلمىشى شەكىللىنەمدۇ؟ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ دىڭئەن يولىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى دۇڭ مىنجيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا بولسۇن ياكى قىزىل چىراغدا ساقلاۋاتقاندا بولسۇن، يان تېلېفوننى قولغا ئېلىش قىلمىشى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناش قىلمىشى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفوندا سۆزلىشىش قانۇنغا خىلاپ. بۇ ئاساسلىقى: ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تېلېفون بېرىش – قوبۇللاش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قوبۇللاش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋۇ ئەپەندىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئىككى نومۇر تارتىش، 50 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
   جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن›› جەريانىدا، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى ئەزاسى ‹‹ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفونغا بېرىلىپ كېتىشنى كەسكىن چەكلەش توغرىسىدا تەۋسىيە›› سۇنغان.
بۇ يىل فېۋرالدا جېجياڭ ئۆلكىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت تورى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناش قىلمىشى ‹‹ئاۋام ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان قاتناش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئون قىلمىش››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
  تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تېلېفون ئويناشتىن كېلىپ چىققان ۋەقەنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئادەتتىكى ئەھۋالدىكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن قېلىشمايدىكەن، ھەتتاكى تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىنكى ئون مىنۇتقىچە خەۋپ – خەتىرى يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن. يان تېلېفون ئىشلەتكەن شوپۇرلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرلارنىڭكىدىن ئاستا بولىدىكەن، دىققەت سەزگۈرلۈكى%37 تۆۋەنلەيدىكەن، تورمۇزلاش ئىنكاسى %19 ئاستىلايدىكەن، ئاپتوموبىل يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى %20 تۆۋەنلەيدىكەن.
     بۇلتۇر بىر يىلدا جېجياڭ ئۆلكىسىدە قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قازا قىلغان ئادەم 4187گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دىققىتى چېچىلغان ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلاردىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 1855كە يېتىپ، ئۆلكە بويىچە قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ %44.3ىنى ئىگىلىگەن.
     بۇ يىل 3 – ئايدا خاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا شوپۇرنىڭ يان تېلېفون ئوينىشىدىن قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچى دالا ئاپتوموبىلى ئادەتتىكى يولدا، ‹‹باۋما›› ماركىلىق ئاپتوموبىل يانداپ ئۆتۈش يولىدا كېتىۋاتقان ئىكەن. دالا ئاپتوموبىلى نېمىشقىدۇر ھەش – پەش دېگۈچە يانداپ ئۆتۈش يولىغا كىرىپ قالغان، كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك ھالەتتە رېشاتكىغا ئىككى قېتىم سوقۇلغاندىن كېيىن يېنىدىكى ‹‹باۋما›› ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاپتوموبىل يان تەرەپتىكى دۆڭگە چىققاندا دۈم كۆمتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ چاقلىرى ئاسمانغا قاراپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن دالا ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى مۇنداق دېگەن: ۋەقە سادىر بولغان يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يان تېلېفون سايرىدى. ئادىتىم بويىچە كىم تېلېفون بەرگەندۇ، دەپ قايرىلىپ قاراپ قويدۇم، مۇشۇ ئىككى – ئۈچ سېكۇنت ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ دەيسىز.
     يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندىلا ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقاندىمۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي تېلېفون بېرىدۇ، قىسقا ئۇچۇر يوللايدۇ، ئۇچۇرلارنى كۆرىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىقلارنىڭ خەتىرىدىن تۆۋەن ئەمەس.
     جېجياڭ ئۆلكىسى ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا 140 نەچچە يېڭى تىپتىكى كۆزەتكۈچى سىنئالغۇ ئورنىتىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەخسۇس سۈرەتكە ئالغان. سىنئالغۇغا چۈشۈپ قالغان شوپۇرلارنى 50 يۈەن جەرىمانە تۆلىتىش، ئىككى نومۇر تارتىش چارىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلغان. بۇ چارە شوپۇرلارنى چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىغان، بۇنىڭ بىلەن قاتناش ۋەقەسى مەلۇم دەرىجىدە ئازايغان.
     ھازىرغا قەدەر، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناش مەسىلىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپلا قالماستىن، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى قاتناش تارمىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەر ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئويناشنى قاتتىق باشقۇرۇشقا دائىر نىزام – بەلگىلىمىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلغان.
     جېجياڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ جۇڭخەي مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا يان تېلېفون ئىشلىتىش قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئىشتەك بىلىنىدۇ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ بۇ قىلمىش شوپۇرنىڭ ئۆزىنى، شۇنىڭدەك ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاپەت خاراكتېرلىك ھەتتاكى ۋەيران بولۇش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىگە جاۋابكار بولۇپلا قالماي، باشقىلار ئالدىدىمۇ جاۋابكار بولۇپ، تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولغان قاتناش مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
       يانداشما ماتېرىيال

     چەت ئەللەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تېلېفون ئوينىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازاسى
     ھازىر دۇنيا بويىچە 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايون شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تېلېفون بېرىشىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان، بەزى دۆلەتلەر بۇ قىلمىشنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىگەن. ئاۋامنىڭ بۇ ناچار قىلمىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت تەربىيە بېرىشكە ۋە ئەسكەرتىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە كىشىلەر دەسلەپتە قارشىلىشىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئەل قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ.
    ئامېرىكىدىكى 39 ئىشتاتتا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قىسقا ئۇچۇر يوللاش چەكلەنگەن، ھەتتا يول ماڭغاندا قىسقا ئۇچۇر يوللىغانلارمۇ جازالانغان. پېنسىلىۋانىيە ئىشتاتىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئوينىغانلارغا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بېكىتىلىپ، ھەر قېتىمدا 120 دوللار جەرىمانە قويۇلغان. يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى بىر بازاردا پىيادىلەرنىڭ يول يۈرگەندە قىسقا ئۇچۇر يوللىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 85 دوللار جەرىمانە قويۇلىدىكەن. پېنسىلىۋانىيە ئىشتاتىدىمۇ پىيادە يول يۈرگەندە قىسقا ئۇچۇر يوللىغانلارغا 120 دوللار؛ ئىداخو ئىشتاتىدا 50 دوللار جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
    ئامېرىكا يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى قاتتىق تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىل ۋەقەسىدە قازا قىلىش نىسبىتىنى %40 تۆۋەنلەتكەن.
    ئەنگلىيەدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلېفوندا سۆزلەشكەنلەر تۈرمىدە ياتىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ يېڭى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدا: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلېفوندا سۆزلىشىش قىلمىشى بايقالسا، ‹‹خەتەرلىك ھەيدەش›› جىنايىتى بىلەن سوتقا ئەرز قىلىنىپ، يۇقىرى بولغاندا ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
    فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 2012 – يىلى ۋە 2013 – يىلى ئىككى قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلېفوندا سۆزلىشىش قىلمىشىنى چەكلەش ۋە جازالاش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرغان. ھازىر فىرانسىيەدە شوپۇرلارنىڭ تېلېفوننى قولىدا تۇتۇپ ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بايقىلىپ قالسىلا ئۈچ نومۇر تارتىلىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 750 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
ياپونىيەدە شوپۇرلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدىكەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇلۇپ، نومۇر تارتىلىدىكەن. ھەتتا تېلېفوننى قولىدا تۇتسىمۇ، تېلېفون ئىشلەتكەنلەر قاتارىدا جازالىنىدىكەن.
     ياپونىيە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئىشلىتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەرگەندىن كېيىن مۇشۇ تۈردىكى قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
     دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلېفوندا سۆزلىشىشنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە %50ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئۈندىدار ئوينايدىكەن، %31 ئادەم ئۆزتاتىم قىلىدىكەن، %36 ئادەم مىكروبىلوگقا چىقىدىكەن. يېقىنقى يىللاردا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئويناشتىن كېلىپ چىققان قاتناش ئۆلۈم ۋەقەلىرى يىلسېرى كۆپەيگەن.
     قاتناش باشقۇرۇش جەھەتتە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بىزنىڭ ئەينەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. قاتتىق باشقۇرۇشنى دائىملاشتۇرغاندا، يەنە ئاشۇنداق قانۇنغا سەل قارايدىغان، خالىغانچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلەمدۇ؟ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش جەھەتتىكى بۇ ئىسلاھاتى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشچانلىقىغا، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشغا موھتاج.


 ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى