تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى

  سۇي يۈنيەن


     شىنجاڭ «داديەن» ئادۋوكاتلار ئورنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى يېقىندا مەھەللە، قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بىلىملىرىنى تارقاتتى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنى 19 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئادۋوكاتلارنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي شەھەر ئادۋوكاتلىق ساھەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. پارتىيەلىك ئادۋوكاتلار ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
     مەركىزىي شەھەردىكى ئادۋوكاتلار »ئادۋوكاتلار مەھەللىلەرگە بېرىش، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتلىرىغا بېرىش« پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، قانۇنغا چېتىشلىق ئەرز ۋە ئەرز - شىكايەت دېلولىرىنى پەسەيتىپ ۋە ۋاكالىتەن بېجىرىپ، جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىگە قانۇن مۇلازىمىتى قىلىپ، »مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش« پائالىيەتلىرىدە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومى ھەر يىلى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئاساسىي تېما قىلىنغان ئادۋوكاتلىق ساھەسىدىكىلەر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پائال ياردەم بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپى، شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، توپا تاغ مەھەللىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، »مېھىر - مۇھەببەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئەما بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلەيلى«، »مېھىر - شەپقىتىمىزنى ئىزھار قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، يېتىملارغا كۆڭۈل بۆلەيلى«، »قانۇن ئارقىلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، نامرات بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى« قاتارلىق پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە پۇلى يىغدى. تۆت يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەدىكى ئاجىزلار توپىغا جەمئىي 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل ۋە نەرسە - كېرەك ئىئانە قىلىپ، ئادۋوكاتلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئىجابىي كۈچىنى جارى قىلدۇردى.
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىمىن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومى پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنى مېيىپلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىق ئاجىزلار توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىشكە داۋاملىق تەشكىللەيدۇ. پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنىڭ شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، چوڭ تۈردىكى قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يەنە پارتىيەلىك ئادۋوكاتلار ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى چىڭىتىدۇ ۋە پارتىيەلىك ئادۋوكاتلار مەھەللە، ساقچى پونكىتلىرىغا بېرىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ئىش ئورنى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى، پارتىيەلىك ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت رايونى، مەسئۇلىيەت رايونى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى