تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 80 مىليون فوندستېرلىڭ ئاجرىتىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل زەرەتلەش مەركىزى قۇرىدۇ

 يەرشارى تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 30-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى غەربىي مېدلاندىس ۋىلايىتىدە يېڭى ئاپتوموبىل باتارېيەسى ياساش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شىركەتلەر بۇ پۇرسەتتە يەرلىكتە توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

 ئەنگىلىيە ئەڭ يېڭى باتارېيە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 80 مىليون فوندستېرلىڭ ئاجرىتىپ، باتارېيە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسىغا ئىشلىتىدىكەن. ئەنگلىيە سودا ۋەزىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر باتارېيە مەركىزى ئەنگلىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

  بۇ ياساش مەركىزى خۇاۋېي ئۇنىۋېرسىتېتى ياساش گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئابۇنىچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھاۋا سۈپەت نىشانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاپتوموبىل ياساش توغرىسىدا ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياساش ئىقتىدارى يېتىشمىگەنلىكتىن، ھۆكۈمەت ياساش ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى