تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

قەھۋەنىڭ ئون خىل ئاجايىپ رولى

 ناشتىدا ئىچكەن بىر ئىستاكان قەھۋە مېڭىنى روھلاندۇرىدۇ، بوش ۋاقىتتا ئىچكەن بىر ئىستاكان قەھۋە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. قەھۋەنىڭ ئىچىشتىن باشقا يەنە سىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى بار. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ساغلاملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، قەھۋەنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئاجايىپ ئۈنۈمىنىڭ بارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، قېنى بۇلارنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

  1. ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلايدۇ. قەھۋە ئۇۋىقىنى بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىگە سۈركەپ بەرگەندە، بەدەندىكى ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلايدۇ ھەم چىڭىتىدۇ.

  2. پۇراقنى يوقىتىدۇ. توڭلاتقۇغا بىر قاچا يېڭى قەھۋە ئۇۋىقىنى ياكى قەھۋە پۇرچىقىنى قويۇپ قويسا، توڭلاتقۇدىكى پۇراق يوقىلىدۇ. ئاياغنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردا قەھۋە ئۇۋىقىنى چېچىپ قويسا، ئاياغ ئىچىدىكى پۇراقمۇ يوقىلىدۇ.

  3. غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ. سامساق، بېلىق قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى تازىلىغاندا، قولغا سىڭىپ قالغان پۇراقنى قەھۋە ئۇۋىقى ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. قەھۋە ئۇۋىقىدا قولنى ئۇۋۇلاپ ئاندىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتكەندە، قولدىكى پۇراقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  4. ئاشخانا سايمانلىرىنى يۇيۇشقا بولىدۇ. قەھۋە ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، قەھۋە ئۇۋىقىدا ئاشخانا بۇيۇملىرىنى يۇيۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاشخانا ئۆيدىكى ئوچاق بېشى، قازان قاتارلىق ياغ دېتى بىر قەدەر كۆپرەك بولغان ئاشخانا سايمانلىرىنى قەھۋە ئۇۋىقى بىلەن ياكى قەھۋە ئۇۋىقىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇيسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  5. تېرە ئاستىدا ئارتۇق يىغىلىپ قالغان ماينى چۈشۈرىدۇ. قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ ياغ مېتابولىزمىنى تېزلىتىش رولى بار بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ يۇيۇنۇپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئوخشاش نىسبەتتىكى قەھۋە ئۇۋىقى بىلەن بەدەن ئۇۋۇلاش مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بەدەننى ياكى قىسمەن پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  6. پاشىنى يوقىتىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قەھۋە ئۇۋىقى ۋە كوففېئىن پاشا لىچىنكىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك توسىدىكەن. قەھۋە ئۇۋىقىنى ھويلا، زەيكەش ۋە ئۆينىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا چېچىپ قويسا، پاشىنى مەنبەسىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ. ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل تەبىئىي ھاشارات يوقىتىش ئۇسۇلى مۇھىت ئاسرايدۇ، ئۆي ئىچىنىمۇ قەھۋەنىڭ مەززىلىك پۇرىقى قاپلايدۇ.

  7. چاچنى پارقىرىتىدۇ. چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇزلىتىلغان قەھۋەنى چاچقا سۈركەپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  8. ئۆي جاھازلىرىدىكى سىزىلغان ئىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قەھۋەنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى ھەم سىلىقلاش رولى بولغاچقا، ئۆي جاھازلىرىنى تازىلاش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە سىزىلغان ئىزلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. تېز ئېرىيدىغان قەھۋەگە ئازراق ئىسسىق سۇ قوشۇپ، مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ياغاچ ئۆي جاھازلىرىنىڭ يۈزىدىكى سىزىلغان ئىزلارغا سۈركىسە بولىدۇ. ناۋادا ئىز چوڭقۇر بولسا، بىر قانچە قېتىم كۆپرەك سۈركىسە بولىدۇ، يەنى سىزىلغان ئىزنىڭ رەڭگى ئۆي جاھازىسىنىڭ رەڭگى بىلەن پەرقسىز بولغانغا قەدەر.

  9. تەبىئىي بوياقلىق رولىغا ئىگە. قەھۋە تەركىبىدىكى پىگمېنت ئىنتايىن ياخشى تەبىئىي بوياق ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، قىسمەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرى قەھۋە بىلەن بويىلىدۇ.

  10. ئۆسۈملۈك، ئوت- چۆپلەرنى ئوغۇتلاشقا بولىدۇ. قەھۋە ئۇۋىقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئازوت بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قەھۋە ئۇۋىقى ياكى قەھۋە سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئەتىرگۈل، كاككۇكگۈل قاتارلىق كىسلاتانى خالايدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوغۇت ئورنىدا ئىشلەتكەندە، گۈل تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ.

  

رەئىسە ئابدۇساتتار تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى