تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغان باشلامچىلاردىن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان غەمگۈزارلاردىن بولىمەن

جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىدىن باقىتگۈل نىغمەت

    مېنىڭ ئىسمىم باقىتگۈل نىغمەت، كومپارتىيە ئەزاسى. مەن 1997 – يىلى 10 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ھازىر جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەخسۇس كادىرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئاھالىلەرگە چىن ھېسسىيات بىلەن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ھال – ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنۇمدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ جان – دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتىم.
    ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەللىك، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، مەيدانىمنى ئىنتايىن قەتئىي، بايرىقىمنى ئىنتايىن روشەن، پوزىتسىيەمنى ئىنتايىن كەسكىن قىلىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدايمەن.
    مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. خەلق ئىشلىرى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىمنىڭ ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بارلىقىنى بىرمۇ بىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەردىم. مەھەللىمىزدە ياشانغانلار، ئاجىزلار، مېيىپلەر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار خېلى كۆپ، ئۇلار تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسا ماڭا ئىنكاس قىلىدۇ. مەن قانداق قىلغاندا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى غەم – ئەندىشىدىن تېخىمۇ ياخشى خالاس قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم. خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر ۋاقىت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى تىرىشىپ ياخشى قىلدىم.
    مەن بۇ يىل 9 – ئايدا ‹‹ئاتا – ئانام›› ليۇ گوچۈن ئەر – خوتۇنغا ھەمراھ بولۇپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرى مىنچۈەن ناھىيەسىگە بېرىپ، شاڭچيۇ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىنچۈەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزگەن ‹‹شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى بىلەن خېنەن مىنچۈەن ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتىم، بۇ ئىش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
   بۇ يىل جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسى مېنىڭ نامىمدا ‹‹باقىتگۈل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمەت ئىشخانىسى›› قۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلار، پىدائىيلار، خەير – ساخاۋەتچىلەرگە سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاجىز كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا، قۇربى يېتىدىغان مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىگە قولايلىق ياراتتى. مېنىڭ 11 ‹‹ئاتا – ئانام››دىن سىرت، بىز يەنە تەۋەلىكىمىزدىكى 72 نامرات ئائىلىگە، تاغلىق رايوندىكى 11 نامرات ئانىغا، توققۇز مېيىپ كىشىگە، 15 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردۇق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نامرات دېھقانلارغا 360 يۈرۈش كىيىم – كېچەك ئىئانە قىلدۇق، ياردەم سوممىمىز 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
    ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، مەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹مەملىكەتلىك ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش نەمۇنىچىسى››، ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق››، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى خىزمەتچى››، ‹‹1 – ماي ئەمگەك مېدالى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئايال›› قاتارلىق شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتىم. ئون نەچچە يىل ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش تەجرىبەمدىن شۇنى يەكۈنلىدىمكى، ئاساسىي قاتلامدا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىشقا توغرا كېلىدىكەن، مەن ئېرىشكەن شان – شەرەپ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق شان – شەرىپى. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە چوقۇم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خىزمەتداشلىرىمنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان باشلامچىلاردىن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان غەمگۈزارلاردىن بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەمىزدە قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى