تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رازىبېك قامزا

    باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتتا: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى››، ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى›› دەپ كۆرسەتكەنىدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان رايون، شۇنداقلا يىپەك يولىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا بىللە ياشاپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرغان. ئىتتىپاقلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سەمىمىي ئارزۇغا ئايلاندى، ئىتتىپاقلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا.
    مەن ئالتاي ۋىلايىتىدە قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1981 – يىلى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىغا ئۆتۈپ، 1986 – يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن ئىش ئورنىدا ھەر مىللەت يولداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە ياشىدىم، ھەممىلا جايدا ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى قويۇق ھېسسىيات، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى ھېس قىلدىم. كۆپچىلىك خىزمەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىللە تىرىشىپ، بىللە ئىلگىرىلىدۇق.
    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئىتتىپاقلىق-جان تومۇر، ئىتتىپاقلىق-كۈچ، ئىتتىپاقلىق-غەلىبە. مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق نامايەندىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھەر مىللەت خەلق 60 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، بىر مەقسەتتە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قولمۇقول ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان شانلىق داستانىنى پۈتتى. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. 56 مىللەت بىر مەقسەتتە كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش چەكسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ.
    شىنجاڭدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىمىز ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىگۇناھ جانغا زامىن بولۇپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى تەلۋىلەرچە سادىر قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىززەت – ئابرۇيىغا ئېغىر زىيان سالغانلىق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلغانلىق، بىز ئۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە قەتئىي زەربە بېرىمىز. كىمكى بىزنىڭ ئىناق تۇرمۇشىمىزغا، تىنچلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، شۇ بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. بىز بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1 – سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، ھىمايە قىلىش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، مەسئۇلىيەتچانلىق ساداسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى جەڭگىۋارلىق ساداسى، قەتئىيلىك ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. بىز شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئۈچ زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغىچە، جەمئىيەت مۇقىم، پۇقرالار خاتىرجەم بولمايدۇ؛ ھەر مىللەت خەلق جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق رەزىللىكنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.
    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن. ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، دۆلەتنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرىمەن ۋە ئىگىلەيمەن. ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ۋە مىللەت، دىن سىياسىتىگە بولغان چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلاشتۇرىمەن، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىم، قەتئىيلىكىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقا، ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق ياشنىتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. بىز ھەر بىرەيلەن، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەر خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىمىز، ئىغۋا تارقاتماسلىقىمىز، يامان كىشىلەرنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى، قۇترىتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقىمىز كېرەك. خەتەرلىك، ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش ۋە ‹‹ئىككى ئورتاق››نى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، ئۇنى مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا ئاساس ۋە پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى