تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تولۇپ–تاشقان غەيرەت بىلەن ھەرمىللەت نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك

    شۆھرەت زاكىر قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تولۇپ – تاشقان غەيرەت بىلەن ھەرمىللەت نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك
     لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تولۇپ – تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
    شۆھرەت زاكىر يېڭىسار، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىنىڭ يېزىلىرىغا بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، دېھقان پارتىيە ئەزاسى، ‹‹تۆت پېشقەدەملەر››، نامرات ئاھالىلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېزىلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
   يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى كەنتئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە قەلەمخان ساۋۇت ئوغلى بىلەن بىللە تۇراتتى، كىچىك پارقازان بۇ يىل يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەن ئۆينى ئىسسىتقانىدى، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆي جاھازىلىرى پاكىز سۈرتۈلگەنىدى، ئۆي ئىچى پاكىز، رەتلىك ئىدى، قەلەمخان ساۋۇتنىڭ ئوغلى شۆھرەت زاكىرغا كادىرلارنىڭ ياردىمىدە 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى بېجىرگەنلىكىنى، 18 تۇياق قوي سېتىۋالغانلىقىنى، ناھىيە بازىرىدا دۇكان ئىجارە ئېلىپ ناۋايخانا ئاچقانلىقىنى، يىللىق كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ مۇنداق دېدى: نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قەدەم قويغۇزۇش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز بولدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت نامرات ئامما بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايدۇ.
    شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋەدىنامىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، چوقۇم ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ھەقىقىي ئېلىپ، غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا يۆلەشنى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، چىڭ تۇتۇشى، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتنى ھۆددىگە ئېلىش –  ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىۋى تەشۋىق – تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى