ئالتاي چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى چارۋىچىلارغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتاي چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ توپتېرەك چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى مۇز تاغ ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ۋە دارقان چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىن تەركىب تاپقان 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش تەشۋىقات ئەترىتى 1 -دېكابىر چېگرا بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى توپتېرەك چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى مۇز تاغ ساقچى ئىشلىرى پونكىتى باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ساقچىلار دېھقان-چارۋىچىلارغا ئالاقىدار تەشۋىقات مەزمۇننى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، يۈز تۇرا، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى چارۋىچىلىق رايونىدىكى ھەر بىر چارۋىچىغا يەتكۈزدى.