تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش

قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرمىللەت ئاممىغا ھەرتەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلغانلىقى توغرىسىدا

 خەن چىنيەن

قەشقەر شەھەرلىك 1-سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى تېببىي خادىملار 11-ئاينىڭ 30-كۈنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدە شەھەر ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرمەكتە.(خەن چىنيەن فوتوسى)

     ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولمايدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا: پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلققە ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قەشقەر شەھىرى تۈرلۈك ساغلاملىق غەمخورلۇقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەلا سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.


   ئىللىقلىق ھەم مېھرىبانلىققا تولغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش

     قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسىنىڭ تۆرە يارباغ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇپاتىمە مەمەتكېرەم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئەتىگەندىلا، قەشقەر شەھەرلىك 1 – سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى.
     باش قىشتىكى قەشقەر گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، بىراق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى.
     بۇپاتىمە مەمەتكېرەم خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاساسىي ئۇچۇرىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كۆرسەتمىسى بار قەغەزنى قولىغا ئالدى. ئۇ كۆرسەتمە قەغىزىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، تەرتىپ بويىچە قان تەكشۈرتكۈزدى، ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى، قان بېسىمىنى ئۆلچەتتى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشى ۋە ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما تەكشۈرۈشىنى قىلدى.
     ___سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ياخشىلاش ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشىگە قولايلىق ياراتتى، شۇنداقلا سالامەتلىكنى تەكرار تەكشۈرتۈش، كۆپ قېتىم تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى،  دېدى قەشقەر شەھەرلىك 1   – سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شاۋ رۇڭ.
      بۈگۈنكى تەكشۈرتۈش بەك ئوڭۇشلۇق بولدى، بىر سائەتتىلا تۈگەتتىم، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ياشانغانلارغا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن،  دېدى قەشقەر شەھەر ئاھالىسى توختىخان ھوشۇر ھاياجانلانغان ھالدا.
     60 ياشلىق توختىخان ھوشۇرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كۆرسەتمە قەغىزى چىققاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ كۆرسەتمە قەغىزىنىڭ ئۈستۈنكى ئوڭ بۇرجىكىگە ئالما بەلگىسىنى چاپلاپ قويدى. بۇ، ئۇنىڭ ئۆچرەت تۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى، شۇڭا توختىخان ھوشۇر  بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئون نەچچە تۈرلۈك تەكشۈرتۈشنى تۈگەتتى.
     قەشقەر شەھىرى ياشانغان، ئاجىز، مېيىپ ۋە ھامىلىدار قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزىدە يېشىل يول تەسىس قىلدى، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە كېلەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى.
     ___سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلاپتۇ، بىزگە يەنە نان، پېچىنە ۋە سۇ تەييارلاپ قويۇپتۇ،  دېدى توختىخان ھوشۇر.
     ___ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پۇقرالارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈردى، قەلبىنى ئىللىتتى، بىزگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى،  دېدى سالامەتلىكىنى ئەمدىلا تەكشۈرتۈپ بولغان قەشقەر شەھەر ئاھالىسى غولامجان مەمەتتوختى تەسىرلەنگەن ھالدا.
     10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە قەشقەر شەھىرىدىكى 1 – باسقۇچتا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك 484 مىڭ 775 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى، ھازىر 2 – باسقۇچتا ھۆكۈمەت خادىمى، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن يەرلىك نوپۇستا بار كىشىلەر، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى كۆچمە نوپۇسلۇق كىشىلەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش باشلاندى.
     ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا تەرتىپلىك ئىشلىنىش بىلەن بىللە، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىكى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.
     12 – ئاينىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى باسقۇچتىكى مۇلازىمەت تېخى تۈگىمىگەنىدى.
     ‹‹قان شېكىرى كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دورىنى ۋاقتىدا يەپ تۇرۇڭ››.  12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دوختۇرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاۋات يېزىسىنىڭ كۆكچى كەنتىدىكى 44 ياشلىق قاسىم تۇرسۇننىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. بۇ يىلقى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە قاسىم تۇرسۇننىڭ قەنت كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغانىدى.
     ___ ھاراق ئىچىپ قويىمەن، تاماكا چېكىپ قويىمەن، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن، دوختۇرلار بۇ ناچار ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتىشىمگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، سالامەتلىك ياخشى بولغاندىلا، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،  دېدى قاسىم تۇرسۇن
     ___  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى جەزمەن سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاپ، بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي، ئاممىنى تولۇق رازى قىلىمىز،  دېدى قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر شېڭ شىنپىڭ.

    ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى كۆپ ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويدى

     قەشقەر شەھىرى ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 13 مىليون 320 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، شەھەر – يېزا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدىن 12نى يېڭىدىن سالدى ۋە كېڭەيتىپ سالدى، قۇرۇلۇش بىردەك تاماملىنىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى.
     قەشقەر شەھىرى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى پائال مۇكەممەللەشتۈردى. ھازىر سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ئومۇمىي خەلقنى قاپلىدى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ساغلاملىققا ئارىلىشىش، پىلانلىق ئىممۇنىتېت، پىلانلىق تۇغۇت بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئايلاندى.
     قەشقەردىكى شەھەر – يېزا ئىككى دەرىجىلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدە مۇلازىمەت سۇپىسى، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيى، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما ئۆيى، بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئۆيى، بەدەن قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئۆيى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش ئۆيى، قان ئېلىش ئۆيى، سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئۆيى، لابوراتورىيە بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى؛ ‹‹پەرۋىش قىلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش›› تەسەۋۋۇرى بويىچە يېزىلىق دوختۇرخانا، يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى بىلەن خىزمەتلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، 22 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلىنىپ، رەقەملەشكەن بىۋاسىتە تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىسى سەپلەندى.
     شېڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ساغلاملىق – ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ پىروگراممىسى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەر بىر كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى.
    قەشقەر شەھىرى شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى نوپۇس ۋە كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ قەشقەر شەھىرىدە سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تىرەك بولۇپ، ‹‹بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن خاتىرىلەش››، ‹‹ئۈچ دەرىجە سۈپەتنى كونترول قىلىش››، ‹‹ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتما ئىنكاس قايتۇرۇش››، ‹‹قايتا تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش››، ‹‹تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى›› قاتارلىق مېخانىزمنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شەھەر، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجە بويىچە كېسەل ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

    ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىندى

     قەشقەر شەھەرلىك 1 – سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 4 – قەۋىتىدىكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدە ياش تېخنىك ئاينۇر رېھىم بۇ يىل قوبۇل قىلغان كەسىپدىشى چېن فاڭغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ: چېن فاڭ بۇياققا كېلىڭ، مانا بۇ يېنىك دەرىجىدىكى ياغلىق جىگەرنىڭ ئىپادىسى، ھەر بىر كىشىنى تەكشۈرۈشكە بەش مىنۇت كېتىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئون نەچچە مىنۇت كېتىدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ قورساق قىسمىدىكى ئەزالىرىنى توغرا، ئېنىق كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.
    قەشقەر شەھىرى بۇ يىل 481 ئىشتاتنى ئالاھىدە تەستىقلاپ، تۇنجى تۈركۈمدە پۈتۈن مەملىكەتتىن 112 ئىستۇدېنتنى قوبۇل قىلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورنىدىكى خادىملارنى تولۇقلىدى، چېن فاڭ 112 ئىستۇدېنتنىڭ بىرى. بۇ ئىستۇدېنتلار ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش›› ئارقىلىق تېز ئۆسۈپ يېتىلدى.
    شېڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز شېنجېن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى››دىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن شەھەر بويىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن خاتىرىلەشنى يولغا قويدۇق. بۇ تەدبىر سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس ۋاقتىنى قىسقارتىپ، خاتالىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
     قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تولۇق ۋە سۈپەتلىك ئىشلىنىشىنى دائىملاشتۇرۇش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايلىق يىغىن، نەق مەيدان يىغىنى، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى ئورناتتى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى، ئۇچۇرنى خاتىرىلەش، سۈپەتنى كونترول قىلىش، نەتىجە توغرىسىدا قايتما ئىنكاس قىلىش، تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى يوقلاش – مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلارنى تېخىمۇ تەرتىپلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى بېكىتىپ، شەھەرنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سالدى››.
     قەشقەر شەھىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پائال ئەمەلىيىتى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى