1.دورىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. بەزى ياشانغانلار ھېچقانداق كېسىلى بولمىسىمۇ، دورا يېيىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە دورىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، دورىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەر ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
2.قالايمىقان ئوزۇقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ تال، ئاشقازىنى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھاراق، ياغلىق يېمەكلىكلەر، قورۇلغان گۆش، كاۋا ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
3.ئاسان ئاچچىقلانماسلىق كېرەك. تەبىئىتى ئىسسىق-سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىستېمال قىلمىغاندا، ئادەم ئاسان چېچىلىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار تەبىئىتى ئىسسىق-سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشى، ئاچچىقلىنىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى