تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئالاقە تورى كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىشنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ

    شاۋقۇن – سۈرەنلىك مۇھىت، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن ئۆچىرەت ساقلاش، پەلەمپەيدىن تەكرار چىقىپ – چۈشۈشلەر نۇرغۇن ئاغرىقلار ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلاردۇر. نۆۋەتتە كۆچمە ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹ئالاقە تورى+داۋالاش›› ئۇسۇلى ئەنئەنىۋى داۋالىنىش شەكلى، نومۇر ئېلىش جىددىيلىكىنى پەسەيتىش، پۇل تۆلەش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈتۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىپ، پۇقرالارغا قولايلىق داۋالىنىش مۇھىتىنى يارىتىپ بەرمەكتە.
    نەنجىڭ شەھىرى ئاھالىسى چېن گاڭ ئالىپايدا نومۇر ئالغان چاغدا ئەسكەرتىلگەن داۋالىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن 9 – چېسلا چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىگە بېرىپ ھېچقانچە ساقلىمايلا كېسەل كۆرسىتەلىگەن. تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا 460 يۈەنلىك دورا يېزىپ بەرگەن، ئۇ ئالىپايدا كۆرسىتىلگەن پۇل تۆلەش ئۇچۇرى بويىچە ئالىپايدا پۇل تۆلىگەن، ئاندىن قايسى كۆزنەككە بېرىپ دورا ئېلىش كۆرسەتمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
    ‹‹ئىلگىرى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىشقا، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇشقا، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ دوختۇر ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، ھەر قېتىم كېسەل كۆرسىتىشكە يېرىم كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى. بۇ قېتىم نومۇر ئېلىش ۋە ھەق تاپشۇرۇشلاردا كۆزنەكتە ئۆچىرەتتە تۇرمىدىم، بۇرۇنقىدىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تېجىلىپ قالدى›› دېدى چېن گاڭ.
    ئالىپاي 2014  – يىلى 5 – ئايدا ‹‹كەلگۈسى دوختۇرخانا پىلانى›› نى يولغا قويۇپ ئالاقە تورى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە كېسەل كۆرسىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. كىشىلەر ئالىپاينىڭ ‹‹داۋالاش ۋە ساغلاملىق›› سەھىپىسىدە ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرنى ئاندىن ‹‹نومۇر ئېلىش ۋە كېسەل كۆرسىتىش›› نى تاللىسىلا، ئالىپاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان دوختۇرخانىلار ئېكراندا نامايان بولىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئۆزى بارماقچى بولغان دوختۇرخانا ۋە بۆلۈملەرنى تاللىسا بولىدۇ، نومۇر ئېلىش ۋە ھەق تاپشۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنى يان تېلېفوندا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاغرىقلار ئالىپاي بىلەن پۈتۈن لىنىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقان دوختۇرخانىلاردا داۋالانغاندا، ئەگەر ئالىپاي تەكشۈرۈش ھەققى ۋە دورا ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالسا، ئالىپايدا پۇل تاپشۇرۇشقا بولىدىكەن. دىياگنوز دوكلاتى چىققاندىن كېيىن ئالىپايغا يوللىنىدىكەن، ئاغرىقلار دىياگنوز دوكلاتىنى يان تېلېفوندىلا كۆرەلەيدىكەن. بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا ئاغرىقلار قولىدىكى نومۇر ئارقىلىق بۆلۈملەرنىڭ كېسەل كۆرۈش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دوختۇرخانىغا بارىدىغان مۇۋاپىق ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
    ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە 2650 دوختۇرخانا  ‹‹كەلگۈسى دوختۇرخانا پىلانى›› غا قاتناشقان بولۇپ، ئالىپاي ئارقىلىق تەمىنلەنگەن ھەقىقىي ئىسىم بىلەن نومۇر ئېلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش ۋە دوكلاتنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى 350 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان. نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ ئالىپايدىكى ئىنكاسىغا قارىغاندا ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە 120 مىنۇتتىن 48 مىنۇتقا قىسقارغان.
    گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئانا – بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چىڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن دوختۇرخانىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيە زالى خۇددى چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز ئىستانسىسىغا ئوخشاپ قالاتتى، دوختۇرخانىمىز ئالاقە تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئالىپاي بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى كۈتۈش زالىدىكى ئادەملەر توپى ئازلىدى، ئاغرىقلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
    ئالىپايدىن باشقا يەنە تېڭشۈن گۇرۇھى ۋە پىڭئەن گۇرۇھى قاتارلىق بىر قىسىم ئورۇنلارمۇ داۋالاش بازىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يېتىپ، بۇ ساھەگە بەس– بەستە كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ APPسىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.
    يېقىندا ئېلىمىزدە ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگو دوختۇرخانىلىرىنىڭ تورلىشىشىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش 2017 – يىللىق دوكلاتى››دا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو دوختۇرخانىلىرىنىڭ تورلىشىشى دەسلەپكى قوزغىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تورلىشىش نىسبىتى %10كە يەتمەيدىكەن. تەرەققىيات مەزگىلىگە كەلگەندە دوختۇرخانىلارنىڭ تورلىشىش نىسبىتى %10تىن %80كە كۆتۈرۈلىدىكەن، ئاندىن پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن.
    يىگۈەن خەلقئارالىق ئانالىز گۇرۇپپىسى توپىنىڭ باش دىرېكتورى دۇڭ شۈنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى قوزغىتىش باسقۇچىدا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈتۈش قاتارلىق ئىشلار ئالاقە تورى مۇلازىمەت كەسپىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن. تەرەققىيات باسقۇچىغا كەلگەندە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى دوختۇرخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ چىقىرىش، دوختۇرخانىلار ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا كەلگەندە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىگە ئايلىنىدىكەن، دوختۇرخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەتتا دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تىجارەت باشقۇرۇشمۇ ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
    تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىپايمۇ كۆچمە داۋالاش ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئالىپاي يېقىندا ‹‹ئىناۋەتلىك داۋالىنىش›› نى يولغا قويۇشقا باشلىدى، كەلگۈسىدە ئاغرىقلار دوختۇرخانا ئالىپاي تۇرمۇشىدا ‹‹ئىناۋەتلىك داۋالىنىش›› مۇلازىمىتىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالىپايدىكى پۇلدىن 1000 يۈەن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلالايدۇ. نۆۋەتتە ‹‹ئىناۋەتلىك داۋالىنىش›› شاڭخەي، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىكى ئون نەچچە دوختۇرخانىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
    كەلگۈسىدە چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى (服金蚁蚂)نىڭ ئىناۋەت ئىقتىدارى بىلەن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش تەرتىپىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاغرىقلارنى ئىناۋەتلىك زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىيولوگىيەلىك پەرق ئېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاغرىقلارنى چىرايىدىن پەرقلەندۈرۈپ داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
    ئالىپاينىڭ ‹‹كەلگۈسى دوختۇرخانا پىلانى››غا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى باسقۇچتا دوختۇرخانىغا ياردەملىشىپ كۆچمە داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا ئالاقە تورى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ چىقىرىش، يېقىن ئارىلىقتا دورا يەتكۈزۈش، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش، سودا سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى تاماملايدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ ئېچىۋېتىلگەن چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بولۇپ، بۇلۇت ھېسابلاش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىيىم – كېچەك زاۋۇتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان ساغلاملىق باشقۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىلىشى ئۇچۇر دەۋرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشىنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرىدىكەن.  

ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى