تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىش پەسلىدە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى

    قىش پەسلىدە تەنھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقاندا، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
    بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان تۈرلەر ناھايىتى كۆپ، بىراق قايسى تۈرلەر قىشتا ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ؟
    يۈگۈرۈش بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى بۇ تۈرنى ياقتۇرىدۇ.  قىشتا يۈگۈرگەندە، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىرادىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نەپەسلىنىش يولىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاۋا سۈپىتى ناچار ياكى ھەددىدىن زىيادە سوغۇق بولغان ھاۋارايى شارائىتىدا دالىدا ئۇزاق ۋاقىت يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ.
    قىشتا سۇ ئۈزۈش دائىم ئۇچرايدىغان تەنھەرىكەت تۈرى. قىشتا سۇ ئۈزگەندە سوغۇق سۇ تېرىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشقا ياردەم بېرىدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ قىش پەسلىدە سۇ ئۈزۈشتىن بۇرۇن، بەدەننى قىزىتىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
    قىش پەسلىدە چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق قار – مۇز تەنھەرىكىتى قىزىپ كېتىدۇ. ئېگىزلىكتىن شۇڭغىغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە تېيىلىشتىن كېلىپ چىققان خۇشاللىق، قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلانغان شامالنىڭ ئاۋازىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. چاڭغا تېيىلغاندا بوغۇملارنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.  مۇز تېيىلغاندا بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ياخشىلىغىلى، پۇتنىڭ ماغدۇرىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ تۈر ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلىرىگە ماس كېلىدۇ.
    قىشتا ئەنئەنىۋى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ. مۇزدا پىقىرىغۇچ، قار ئىتتىرىش ماشىنىسى قاتارلىق قىزىقارلىق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەتلىرى كىشىلەرگە بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مۇز ئۈستىدىكى سىيرىلغۇچ، مۇز ئۈستى سوقۇلما ماشىنا قاتارلىق يېڭى ھەرىكەتلەر ئەر – ئايال، قېرى – ياشلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا تەنھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك چېنىقىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش كېرەك.
    دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتمىسى››دە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قېتىملىق مۇكەممەل بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى تەييارلىق ھەرىكەت، ئاساسىي ھەرىكەت ۋە ئۆزىنى قويۇۋېتىش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىراق نۇرغۇن بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى ھەمىشە تەييارلىق ھەرىكەت ۋە ئۆزىنى قويۇۋېتىش ھەرىكىتىگە سەل قاراپ، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى مۇسكۇللار نىسبەتەن قاتتىق بولغاچقا، زۆرۈر ھەرىكەت تەييارلىقىنى قىلىپ بەدەننى قىزىتمىغاندا زەخمىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
    ئاددىي ھالدا بەدەننى ئايلاندۇرۇش ۋە كۆكرەكنى كېرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى بەدەن قىزدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قىشتىكى ئۈنۈمى چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا كونكرېت بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش تۈرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بەدەن قىزدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك.
    تەنھەرىكەتتىن كېيىنكى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ھەرىكىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، يول مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ھەرىكىتى چارچاشنى تۈگىتىپ، بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلايدۇ. چاڭغا تېيىلغاندا بەدەننى قىزىتىپ پۇت مۇسكۇللىرىنى سوزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۈرە ۋە كۆكرەكنىڭ سوزۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
    قىشتا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ھەرىكىتى قىلغاندا ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق ۋە يېتەرلىك دەم ئېلىشمۇ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى