تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇ دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەڭ

    1. زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    كۆپلىگەن زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ۋە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىدا پاراتسېتامول (痛息热扑) بولىدۇ. ئەگەر ئىككى خىل زۇكام دورىسى ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى بىلەن ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىلسە، بەدەندىكى پاراتسېتامولنىڭ مىقدارى ئېشىپ جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2. 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ھاجەتخانا تازىلاش دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە زەھەرلىك خىلور گازىنى پەيدا قىلىدۇ.
    84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ھاجەتخانا تازىلاش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلسا رېئاكسىيەلىشىپ خىلور گازى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ گاز نەپەس يولى ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ توقۇلمىلارنى كۈچلۈك ئوكسىدلاپ، شىللىق پەردىدە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    3. پىننە سۈيى بىلەن سېفالوتىننى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئاتسېتالدېھىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    پىننە سۈيىنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت بولىدۇ، بەدەندە ھەزىم قىلىنىش جەريانىدا ئاتسېتالدېھىد پەيدا بولىدۇ، سېفالوتىن تۈرىدىكى دورىلار ئاتسېتالدېھىدلارنىڭ بەدەندىكى ئالمىشىشىنى چەكلەپ ئاتسېتالدېھىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەخىملىنىشنى، نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4. يود تىنكتۇرىسى بىلەن مېركۇروخروم (قىزىل دورا سۈيى)نى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە سىماب يودىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    يود تىنكتۇرىسىدىكى يود بىلەن مېركۇروخرومدىكى سىماب رېئاكسىيەلىشىپ سىماب يودىد پەيدا قىلىدۇ ھەم تېرە يۈزىدە توپلىنىپ قېلىپ سىمابتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. ھەسەل بىلەن زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە  دورا ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
    تەينو (诺泰)، كۇەيكې (克快)، گەنلىكې (克立感)، گەنماۋچىڭ (清冒感) قاتارلىق زۇكام دورىلىرىدا ئاتسېتامىنوفېن بولىدۇ، ئۇلار ھەسەل بىلەن ئۇچراشقاندا قىزىتما ياندۇرۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇڭا يۆتەل توختىتىش قىيامى قاتارلىق تەركىبىدە ھەسەل بولغان دورىلارنى زۇكام دورىلىرى بىلەن بىللە ئىچىشكە بولمايدۇ.
    6. سۇلفۇنامىدلار (药类胺磺) بىلەن ۋىتامىن Cنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولىدۇ.
    ۋىتامىن C كىسلاتالىق ماددىلارغا تەۋە. مەسىلەن: مۇرەككەپ تەركىبلىك سۇلفامېتوكسازول تابلېتكىسى ۋە ئۇلارنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسانلا سۇلفانىلامىد كىرىستال تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش ۋە بۆرەك زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    7. ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى بىلەن پاشا قوغلاش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    پاشا قوغلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى دېئېت (胺蚊避) ۋە ئىسپىرت بولىدۇ، ئەمما ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمىنىڭ تەركىبىدە دى فېنىلكېتون بولىدۇ، كۆپ مىقداردىكى دېئېت، ئىسپىرت ۋە دى فېنىلكېتون ئارىلىشىپ قالسا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تېرىگە سۈمۈرۈلۈپ ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
    8. ئاسپىرىن بىلەن گىنگو يوپۇرمىقى تۈرىدىكى دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    گىنگو يوپۇرمىقى كاپسۇلى ۋە گىنگو تابلېتكىسىدا فلاۋون ۋە گىنكلايد تۈرىدىكى تەركىبلەر نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ئاسپىرىن بىلەن بىللە ئىچكەندە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسا قاناشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
    9. بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن چوڭ ئاپېلسىننى ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە قان بېسىمى تېز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
    چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدىكى بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ تەركىبلەر دورىلارنىڭ قانغا سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، بۇ دورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغانغا باراۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چوڭ ئاپېلسىننىڭمۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىلىرى بىلەن بىللە يېيىلسە، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئاشۇرۇپ، باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى