تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 3-دېكابىر باشلاندى

كېچىدىكى ۋۇجېن مەنزىرىسى

 ئۆز خەۋىرىمىز: «رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى ـــ قول تۇتۇشۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» باش تېمىسىدىكى 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 3-دېكابىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1500 مېھمان ۋۇجېن بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  2-دېكابىر، ۋۇجېننىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى، كۆك كىيىم كىيىۋالغان ئوقۇغۇچى پىدائىيلار مېھمانلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى. مۇخبىرلار چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ تىزىملاش ئورنىغا ھەر قايسى يېززىقتا بېسىلغان تونۇشتۇرۇش ماتېرىياللىرى ۋە رەسىملىك كىتابچىلەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە قويۇلغانىدى.

  بۇ قېتىمقى ئالاقە تورى يىغىنىغا ئەلى، بەيدۇ، تېڭشۈن، خۇاۋېي، گېرمانىيە SAP قاتارلىق 400دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى كارخانىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا جەم بولۇپ، ئالاقە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسىلەر تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مەۋھۇم رېئاللىق، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە ئالاقە تورىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا چىقارغان يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسپىي ھالەتلەر نۇقتىلىق نامايان قىلىنىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىن مۇنبەر، دۇنيا ئالاقە تورىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى جاكارلاش، كۆرگەزمە قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك تور دۆلىتى قۇرۇش، « بىر بەلباغ، بىر يول» « ئالاقە تورى + ھەرىكەت پىلانى » قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىلغار تېخنىكا، ئالاقە تورى ۋە جەمئىيەت، تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەكنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەڭ بەھرىمەن بولۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە تورى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق 20 تارماق مۇنبەر تەسىس قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە يەنە قارشى ئېلىپ كۈتىۋېلىش يىغىنى، « ئالاقە تورى خاتىرە ئورمىنى»غا كۆچەت تىكىش پائالىيىتى، مەخسۇس ئەدەبىيات -سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى