خېبېي «يۈز يىل» ماھىر ئۇستا ياغاچ ئويما رەسىمى سەنئەتخانىسىدا ياغاچ ئويما رەسىمى سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقان مەردانە دامۇ 3-دېكابىر ئەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-دېكابىر ــ خەلقئارا مېيىپلار كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى خېبېي «يۈز يىل» ماھىر ئۇستا ياغاچ ئويما سەنئەتخانىسىدا ياغاچ ئويما رەسىمى سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقان شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن كەلگەن 16 مېيىپ ئوقۇغۇچى 21 كۈنلۈك كەسپىي تەربىيەلەشتىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەخسۇس كەسپىي ئىقتىدار ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ياغاچ ئويما رەسىم كەسپىي ئىقتىدار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.