تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا ماكانلاشقان ‹‹كاپسۇل شەكىللىك مېھمانخانا›› ‹‹يىپەك يولى›› تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايروپورتى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹كاپسۇل شەكىللىك مېھمانخانا››نى رەسمىي ئېچىپ، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق ئارام ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
    ‹‹كاپسۇل شەكىللىك مېھمانخانا›› دىۋوپو ئايروپورتىنىڭ T3 ئايروبىناسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇخلاش بۆلمە رايونى، يۇيۇنۇش رايونى قاتارلىق بەش رايون تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 52 مۇستەقىل ئۇخلاش بۆلمىسى بار ئىكەن. ئۇخلاش بۆلمىسىنىڭ ئىچىنىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى 1.1 مېتىر بولۇپ، تېلېۋىزور، WIFI قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئورنىتىلغان ئىكەن، يولۇچىلار تېلېفون ۋە توردا ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدىكەن.  
    شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ‹‹تيەنيۈەن›› مېھمانساراي باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چىڭيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دىۋوپو ئايروپورتىنىڭ باشقا ئايروبىنالىرىمۇ ‹‹كاپسۇل شەكىللىك مېھمانخانا››نى ئارقا – ئارقىدىن ئېچىپ، يولۇچىلارنى ئازادە، بىخەتەر ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئۈرۈمچى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹يىپەك يولى مۇھىم لىنىيەسى›› بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دىۋوپو ئايروپورتىغا كىرىپ – چىققان يولۇچى 21 مىليون(قېتىم)دىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى