تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قان ئازلىق كېسىلىگە ماس كەلمەيدىغان يېمەك–ئىچمەكلەر

  1.قەھۋە ئىچمەڭ. قەھۋەدىكى پولى فېنول تۈرىدىكى ماددىلار تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ ئاسان پارچىلانمايدىغان تۇزنى ھاسىل قىلىپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەيدۇ. شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرى قەھۋەدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

  2. چاينى كۆپ ئىچمەڭ. چاينىڭ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەش رولى بولىدۇ، چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى ھەزىم يولىدا تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ تۆمۈرنىڭ ئاسان ئېرىمەيدىغان تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك ئۈچەي بۇ خىل ماددىلارنى سۈمۈرەلمەيدىغان بولغاچقا تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ بەدەندە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىپ قان ئازلىق كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

  3.ماينى كۆپ يېمەڭ. ماينى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كۈندىلىك ماي ئىستېمالى 70 گىرامدىن ئاشماسلىقى 50 گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىنىشى كېرەك، ھايۋانات مايلىرىنى ئامال بار ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

  4. سامساق يېمەڭ. سامساقتا ئۇچۇچان ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بۇ قىزىل قان ئاقسىلى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى ئازايتىپ قان ئازلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

  5.ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەڭ. ئىشقارلىق مۇھىت تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئازىيىشىمۇ يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈرنىڭ ئىيونلىنىشى ۋە ئايلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرى ھورنان ۋە قارا بۇغداي ئۇنى قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

  نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى