1.قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. تاتلىق بەرەڭگە تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى مول بولغاچقا، ھەزىم يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
2.كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتى نەشر قىلغان ‹‹خارۋارد مېدىتسىنا ئۇچۇرلىرى››دا كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق بەرەڭگە تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك تۆمۈر ئېلېمېنتى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
3.ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. تاتلىق بەرەڭگە تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە β كاروتېن ناھايىتى مول بولىدۇ، بۇ خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت بىرىكمىلىرى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
4. ياللۇغنى يېنىكلىتىدۇ. خولىن تاتلىق بەرەڭگە تەركىبىدىكى يەنە بىر خىل مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، مايلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلارنى يېنىكلىتىدۇ.
5.كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تاتلىق بەرەڭگە تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلار كۆز ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېكىنىش خاراكتېرلىك زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.