تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقنىڭ چاكىرى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ بۇرچىنىڭ، ئەسلىي مەقسىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە بەخت يارىتىشتا نېمىگە تايىنىش، قانداق روھنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

  بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «خەلقنىڭ چاكىرى» ناملىق فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

- تەھرىردىن

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن خەلقنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

  19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «خەلق» سۆزى 203 قېتىم تىلغا ئېلىندى.

  2017 – يىلى 25 - ئۆكتەبىر ج ك پ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: تارىخنى خەلق پۈتۈپ چىققان، بارلىق نەتىجىلەر خەلققە مەنسۇپ. بىز خەلقنىڭ چوڭقۇر قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغاندىلا خەلققە تايانغاندىلا چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيمىز. بوران-چاپقۇنلارغا قارىماي پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  شى جىنپىڭ زىيالىي ياش بولغان چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: پويىزغا ئولتۇرۇپ يەنئەنگە يول ئالغان چاغلار ھېلىھەم يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ 1969 - يىلى يانۋار ئىدى. زىيالىي ياشلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشىشى ئەسلىدىنلا بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەزگىلنى كۆرسىتەتتى تۆۋەنگە چۈشكەن زىيالىي ياش بولۇشمېنى زادى نېمىلەرگە ئېرىشتۈردى دېگەندە ھالقىش ۋە تاۋلىنىشقا ئېرىشتىم. ئايرىلىش پەيتلىرىدە بېشىمدىن ئۆتكەن يەتتە يىللىق كەچمىشلەرنىڭ لياڭجياخې ئاممىسى بىلەن بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكى ماڭا ئىشەنچ بېغىشلىغانىدى. شۇنداقلا ھاياتىمدىكى مۇھىم ئىزنالارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى

  شى جىنپىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ۋىلايەت، ناھىيە ئىدارە قىلىنسا جاھان تىنچ-ئامان بولىدۇ.ناھىيەدىن ئىبارەت بىرىنچى ئىستىھكامنى چوقۇم قەلبىدە پارتىيەنى ئويلايدىغان پارتىيەگە ساداقەتمەن كىشىلەر ساقلىشى لازىم. ئەمەلدارلار خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك، پاك-دىيانەتلىك بولۇشى خىزمەتنى دۇرۇس ئىشلىشى كېرەك، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك، ئەستايىدىللىق بىلەن خەلققە بولغان چىن ھېسسىياتى بىلەن پۈتۈن زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ فۇجيەندىكى چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: 1985 - يىلى مەن فۇجيەن ئۆلكىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم، فۇجيەندە 17 يېرىم يىل ئىشلىدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆلكە ئېلىمىزدىكى ئېچىش، ئېچىۋېتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى جاي ئىدى.

  شى جىنپىڭ تىرىشىش ھەققىدە مۇنۇلارنى دەيدۇ: ۋەزىيەت تەرەققىي قىلماقتا، دەۋر تەرەققىي قىلماقتا، دەۋر بىلەن بىللە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، يېڭى ۋەزىپىلەر، يېڭى مەسىلىلەر، بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇ جايدىكى كىشىلەر «تىرىشقان ئۇزار» دېگەن ھېكمەتنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، بۇ ھېكمەتتە كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان روھ ئىپادىلەنگەن.

  شى جىنپىڭ جېجياڭدىكى چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: جېجياڭ سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارايدىغان بولساق چيەنتاڭجياڭنىڭ ئېقىنلىرى ئەگرى-بۈگرى بولغاچقا ئىلگىرى جىجياڭ دەپ ئاتىلاتتى. مەن دائىم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم شۇ يەردىكى بارلىق كەنتلەرگە بېرىپ خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك، شەھەرلىك)ۋىلايەتلىك(پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم بارلىق يېزا-بازارلارغا بېرىپ خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم بارلىق شەھەر، ناھىيەلەرگە بېرىپ خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك دەيتتىم. بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى كۆزلەشتە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش (ئالتۇن تاغ-كۈمۈش تاغ)بىلەن بىرگە مۇھىتقىمۇ (يېشىل تاغ – سۈزۈك سۇ) كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: شاڭخەي زور پەن-تېخنىكا بايلىقىغائىگە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى نىشانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ ئېلىمىزنىڭ دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرىشىمىز كېرەك.

  2012 - يىلى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  شى جىنپىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ مەڭگۈ سۇلماس ئىرادە ۋە توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش روھىي ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش.

  2017 - يىلى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. بىز جانلىق كەيپىياتنى ساقلاپ مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشىمىز كېرەك.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى