تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار ئېھتىياجلىق بەش خىل ‹‹ئوزۇقلۇق››

  بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىرسىيەتكە باغلىق بولغاندىن سىرت يەنە كېيىنكى تەربىيەگە باغلىق بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسا، بالىنى چوقۇم تۆۋەندىكى بەش خىل ‹‹ئوزۇقلۇق›› بىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  1.ئانا سۈتى بىلەن بېقىش

  ئانا سۈتىدىكى ئاكتىپلاشقان ئىممۇنىتېت فاكتورى بوۋاقلارنىڭ ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، تائۇرىن نېرۋىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئومېگا – 3 ماي كىسلاتاسى بىلىشنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بوۋاقنى ئېمىتكەن چاغدا ئانىنىڭ ئاۋازى، پۇرىقى ۋە سىلىشى بوۋاقنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ، سىلاش، كۆز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆيۈنۈش ۋە سۆزلەشلەرنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

  2. بالا بىلەن كۆپ سىردىشىش

  ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ كۆپرەك پاراڭلىشىشى بالىنىڭ تىل ئىقتىدارى، سۆزلۈك مىقدارى ۋە سۆز ئىشلىتىشنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم ئاتا – ئانىسى بىلەن سۈپەتلىك پاراڭلىشىدىغان بالىلار بىلىدىغان سۆزلۈك مىقدارى باشقا بالىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئوقۇش يېشى مەزگىلىدىكى ئوقۇش، قوشۇپ يېزىش ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى باشقا بالىلاردىن ياخشى بولىدىكەن.

  3.ئويناش

  پىسخىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئويناش بالىلارنىڭ نېرۋا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. ئىجادچانلىقى كۈچلۈك بالىلارنىڭ بىرەر نەرسىگە ئۇچرىغاندا كۆپ خىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ تېپىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بالىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تىلى راۋان، بىلىدىغان سۆزلىرى كۆپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇستا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

  4.ماختاش ۋە مۇكاپاتلاش

  بالىلارنى توغرا ئىشلىرى ئارقىلىق ماختاش، خاتا ئىشلىرى ئارقىلىق تەنقىدلەشتىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. بالىلار توغرا ئىش قىلغاندا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ماختاش ھەم مۇۋاپىق دەرىجىدە ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  5.بىخەتەر مۇھىت

  ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ياخشى، بىخەتەر ۋە ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندىلا چوڭ مېڭە ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئورتاق تىرىشىشى، بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەللەشمەسلىكى، بالىلارغا بېسىم پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىمۇ بالىلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ يالغان سۆزلەش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى