تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلارمۇ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بېرىشى كېرەك

  ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياشانغانلار ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم ياشانغاندا فىزىيولوگىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى پەقەت ياشلىق مەزگىلدىكىسىنىڭ %65 ىگە توغرا كېلىدىكەن، چوڭ مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى ياش مەزگىلدىكىسىگە قارىغاندا 200 گىرام ئەتراپىدا كېمىيىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىق، تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاجىزلاش، پىكىر قىلىشى قالايمىقانلىشىشتەك ئەھۋاللار پەيدا بولىدىكەن، بولۇپمۇ بىر قىسىم جورىسى يوق يالغۇز قالغان ۋە تەپەككۇرى ئاكتىپ بولمىغان ياشانغانلار تېخىمۇ ئاسان ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

  ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، ياشانغانلار زېھنىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئەقلىي قابىلىيىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئەقلىي قابىلىيەتنى قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە مېڭە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشتا ئىپادىلىنىغان بولۇپ، مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشانغانلار خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق ھالدا ئويۇنچۇق ئويناپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: قىيما ئويۇنچۇق، قىيما سىزىش، كۇبىك تىزىش، قارتا ئويناش ۋە شاھمات ئويناش قاتارلىقلار. ياشانغانلار بالىلارنىڭ بۇ خىل ئويۇنلىرىنى ئويناپ بەرگەندە، چوڭ مېڭە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ياشانغانلارنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەم مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش، دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە نىسبەتەن پايدىسى بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇزاق مەزگىل ياشانغانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دائىم ئويۇنچۇق ئويناپ بېرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىدىغان ياشانغانلارنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ باشقا ياشانغان كىشىلەرگە قارىغاندا %50 تىن ئارتۇق تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  ئىلگىرى كىشىلەر ئويۇنچۇق ئويناش بالىلارنىڭ ئىشى، دەپ قاراپ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئاساسەن ئوينىمايتتى. بىراق ھازىر ئويۇنچۇق ئوينايدىغان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. چۈنكى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ھارغىنلىقى مېڭىنى ئاسان چارچىتىپ قويغاچقا، ئويۇنچۇق ئويناش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللەتكىلى ھەم ئىچ پۇشۇقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى