تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سۈرەتلىگەن «يېڭى دەۋر»

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، جۈملىدىن يېڭى دەۋر زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ سۈرەتلىگەن <يېڭى دەۋر>» ناملىق فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  - تەھرىردىن.

   2017 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر، ج ك پ مەملىكەتلىك 19 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى

  يېڭى دەۋر ،يېڭى ئىدىيە ،يېڭى نىشان ، يېڭى سەپەر

  بۇ فىلىمنى ج ك پ مەملىكەتلىك 19 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا بېغىشلايمىز.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى.

  مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، سانسىزلىغان زەكىي زاتلار ئېگىلمەي – پۈكۈلمەي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇردى.

  1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن دۇنياغا كەلدى.

  يەر–جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتتى.

  ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى،بۇ ،دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى

  پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى

  جۇڭخۇا مىللىتى نۇرغۇن ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تىز پۈكمەي ئىلگىرىلەپ كەلگەن ئۇلۇغ مىللەت.

  جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، قەيسەر، ئۇلۇغ خەلق.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۇلۇغ پارتىيە.

  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن 20 - قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل«ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ.

  پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى