تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، پىراكتىكانت ياڭ جيەنرۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى 301 ئىلغار ئورۇن ۋە 614 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2011 – يىلى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش نىشانىنى بېكىتكەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى پۈتۈن شەھەر بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، شەكلى ھەر خىل، جانلىق، كونكرېت بولغان بىر قاتار بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر مۇھىتى ۋە قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات تەدرىجىي شەكىللەندى. ئۈرۈمچى شەھىرى 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىشى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، شەھەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇشى؛ مەدەنىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى، يېتىشتۈرۈشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىشى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، جازالاشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىزىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىيات، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، پاك – ئادىل مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى خەن بىڭچېڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شىنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى