تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33–قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 – قېتىملىق يىغىنى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلدى، يىغىندا ‹‹قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى›› قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 46 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى، سۇ بۇلغىمىسىغا تەتبىقلىنىدىغان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ۋە باج ئېلىش دائىرىسىنى بېكىتىش قارارى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلىش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدىكى قارار››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشنى باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹قاراماي شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى››نى تەستىقلىغانلىق توغرىسىدىكى قارارى، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدىكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى›› ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىش ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: دائىمىي كومىتېت مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىغا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار، قىيىنچىلىقى ئەڭ كۆپ ئاممىغا، ئەڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 76 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 – قېتىملىق يىغىنىدىكى تۈرلۈك قارالمىلارغا قاراپ چىقىلىپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان قارالمىلار قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فېنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرى، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى