تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2–تومىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا بازىرى ئىتتىك بولدى

  مۇخبىرىمىز لى لى خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى يېقىندا جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا تارقىتىلدى. 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدىكى خادىملاردىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى بەس – بەستە سېتىۋېلىۋېتىپتۇ، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا بازىرى چىققان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى گاۋ يالى مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە كىتابخانىمىز كۈنىگە نەچچە يۈز كىتاب سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسمى ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىغا مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىڭتۈەن 12 – شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى تېلېفوندا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدىن 50 پارچە زاكاز قىلدى، ئەتە كىتابخانىمىز ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەخسۇس ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى كەلدى، سېتىۋېلىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز›› دېگەن خەتلەرنىڭ تەكرار كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كىتاب سېتىۋېلىش زالىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىنى كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر كىتابنى بەش يۇلتۇز شەكىلدە تىزىپتۇ، كۆرگەزمە سۇپىسىغا ‹‹<شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ داغدۇغىلىق تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان تەشۋىقات تاختىسى ئېسىلىپتۇ. نۆۋەتچى دىرېكتور سۇپىسىغا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنى تارقىتىش – كۈتۈۋېلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپتۇ، نۆۋەتچى دىرېكتور ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى سېتىۋالىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۈتۈۋېلىش ھەم كوللېكتىپ سېتىۋالىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىكەن.

  كىتابخانىغا كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن لياڭ گۇاڭلىن ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ. كىتابتىكى نۇرغۇن مەزمۇن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، بىزنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىز، چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق.

  ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدىن 15 مىڭ پارچە زاكاز قىلغان بولۇپ، 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئالدىن سېتىشقا باشلىغان. 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كەلتۈرۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 1000 پارچە كىتاب شۇ كۈنىلا سېتىلىپ بولۇنغان. 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بۇ كىتابتىن 1000 پارچە كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىككى يۈز نەچچە پارچىسى سېتىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جىن لەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىتاب شەھەرچىسى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئالدىن سېتىشقا باشلىغان، 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى جازىغا تىزىپ سېتىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 5000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب كىرگۈزۈلۈپ، 2000 پارچىگە يېقىن سېتىلغان، ئورگان، كوللېكتىپ، شەخسلەر بەس – بەستە سېتىۋېلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى