تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

  (2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (43 – نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار›› 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

  1. 4 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ؛ رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېكىتكەن ئاپپارات (تۆۋەندە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات دېيىلىدۇ) مەسئۇل بولىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان، تىزىملىغاندىن كېيىن، مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ››.

  2. 5 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى (تۆۋەندە ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى دېيىلىدۇ)نىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ››.

  3. 7 – ماددىنىڭ (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر››.

  7 – ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (2) تارماقچە قىلىندى: ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر››.

  7 – ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (3) تارماقچە قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىكنىڭ يەرلىك نىزامى ياكى يەككە نىزامىدا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن چىقارغان يەرلىك نىزامغا يانداش قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر››.

  7 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (2) تارماقچىسى (4) تارماقچە قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇق، بەلگىلىمە، تەپسىلىي قائىدە، چارە، پىكىر، تەدبىر قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر››.

  7 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (3) تارماقچىسى چىقىرىۋېتىلدى.

  7 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (4) تارماقچىسى (5) تارماقچە قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ سوت، تەپتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى، بەلگىلىمىسى، چارىسى قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر››.

  7 – ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (6) تارماقچە قىلىندى: ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان پىكىر، بەلگىلىمە ۋە چارە قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر››.

  7 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (6) تارماقچسى (7) تارماقچە قىلىپ تەڭشەلدى.

  4. 8 – ماددىنىڭ (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر››.

  5. 9 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئىشتاتلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبىسى ۋە ھەرقايسى شى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەرقايسى شى شۆبىسىنىڭ سوت، تەپتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى، بەلگىلىمىسى، چارىسى قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ››.

  6. 11 – ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 1 – تارماق قىلىندى: ‹‹ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك››.

  11 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى 1 – تارمىقى 2 – تارماق قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات يوللىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا ئىنكاس قىلىشى كېرەك››.

  7. 13 – ماددىنىڭ (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قانۇن – نىزاملارغا زىت بولغانلىرى››.

  بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (2) تارماقچە قىلىندى: ‹‹يەرلىك نىزام ياكى يەككە نىزاملارغا زىت بولغانلىرى››.

  13 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (2) تارماقچىسى (3) تارماقچە قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چەك قويغان، زىيانغا ئۇچراتقان، مەھرۇم قىلغان ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتكەنلىرى››.

  13 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (3)، (4)، (5)، (6) تارماقچىلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا (4)، (5)، (6)، (7) تارماقچە قىلىندى.

  8. 14 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكلىپى بېرىلسە بولىدۇ››.

  14 – ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (1) تارماقچە قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ››.

  14 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى (1)، (2)، (3)، (4) تارماقچىلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا (2)، (3)، (4)، (5) تارماقچە قىلىندى.

  14 – ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (6) تارماقچە قىلىندى: ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىدا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ››.

  14 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن سىرت، باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالاردىن ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى شۇ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ››.

  9. 15 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى 1 – تارمىقى بىلەن 4 – تارمىقى چىقىرىۋېتىلدى.

  15 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى 2 – تارمىقى 1 – تارماق قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالاردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان قائىدە، قارار، بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمە، چارە، تەپسىلىي قائىدە، پىكىر، تەدبىر قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ››.

  15 – ماددىنىڭ ئەسلىدىكى 3 – تارمىقى 2 – تارماق قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالار (تۆۋەندە تەكلىپ بەرگۈچى دېيىلىدۇ)دىن يازما تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرگەنلىرى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ نامىنى، ئىش تۈرىنى ۋە ئاساسىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك››.

  10. 16 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىن تەكشۈرۈش تەلىپى قويۇلغان ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلگەنلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرىدۇ ھەمدە مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ››.

  11. 21 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، يازما تەكشۈرۈش پىكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئەۋەتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك››.

  12. 22 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ياكى خىزمەت ئاپپاراتى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن ماتېرىياللارنى رەتلىشى ۋە تۈپلىشى، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئۇنى ئارخىپقا سېلىشى، ساقلاپ قويۇشى كېرەك››.

  13. 25 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ھەر يىلى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنىغا مەخسۇس يازما دوكلات قىلىدۇ››.

  14. بۇ نىزامنىڭ ئەسلىدىكى 26 – ۋە 27 – ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماددىلارنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشەلدى.

  بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى