تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا قانداق قىلىش كېرەك

قىش پەسلى قۇرغاق بولغانلىقتىن، بالىلارنىڭ بۇرنى ئاسانلا قانايدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، نامۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بۇرۇن قاناشنى بۇرۇن بوشلۇقىدا بار بولغان كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى ياكى بۇرۇن بوشلۇقى يانداش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بىر بۇرۇن تۆشۈكچىسىدىن قان ئېقىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك، ئادەتتە ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بالىلار بۇرنىنى كۈچەپ كولىماسلىقى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئادەتتە كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يېيىش، مايدا پىشۇرۇلغان، ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتسە، بالىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە قىسىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا بالا ئاغزىدىكى قاننى تۈكۈرۈۋېتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوغۇق سۇ قاچىلانغان خالتا ياكى مۇزنى پىشانە ۋە بويۇنغا تەگكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك.  يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق قاننى توختىتالمىغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى