تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شەھەر مەدەنىيلىكىدە ئىزچىللىقنى ساقلايلى

  ـــ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ (3)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا مەدەت بولدى، ئۇلارنىڭ غەيرەت – شىجائىتىنى ئۇرغۇتتى. خۇشال بولۇش بىلەن بىللە، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ‹‹مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ›› دېگەندىكى ‹‹تېخىمۇ›› دېگەن سۆز مۇنداق ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى: مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بار، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ‹‹مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش››تا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن مەدەنىيلىكنى ئىزچىل ساقلاپ، يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەندىلا، نەتىجىمىزگە توغرا ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلغان بولىمىز.

  ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› بىر تۈرلۈك شەرەپ بولسىمۇ، بىراق بۇ شەرەپكە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك، پۇقرالارنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتى دەل ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئۇ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ماددىي مەدەنىيلىكى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكىگە يېڭى مەزمۇن، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ۋاھالەنكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش يولىدا مەدەنىيلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەزمۇن كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەدەنىيلىكنى بەرپا قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنى چۈشەنگەندىلا، نەتىجىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايمىز، كەلگۈسىنى ئىلمىي پىلانلىيالايمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچ – قۇۋۋەتكە تولىمىز.

  مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بولۇشنىڭ يېڭى پەللىسىدە تۇرۇپ، قانداق قىلغاندا ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورناتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پۇقرالارنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟... مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نام بىزگە ھەرۋاقىت شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بىز مەدەنىيلىكنى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، بىز قىلىدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يەنە نۇرغۇن.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىش بىر شەھەرنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش يولىدا قانچىلىك ماڭالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن تۈزۈم ئەمەلىيەتتىن كەلگەن. بىز بۇ قېتىمقى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى تەجرىبە، ئارتۇقچىلىق ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى بەزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل، يېڭى تەجرىبىلەرنى دائىملىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز، داۋاملىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈنلا مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلماي، مەۋقەنى كەلگۈسىگە قويۇپ، ئىدىيە، باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش جەھەتلەردە بەكرەك كۈچىشىمىز؛ بۇ قېتىمقى شەرەپ قۇچقان بەش شەھەر بىلەنلا توختاپ قالماي، مەدەنىيلىك، ئىناقلىق مەنزىرىسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

  تاما – تاما كۆل تولار، دېگەن گەپ بار. شەھەر مەدەنىيلىكىدە ئىزچىللىقنى ساقلاش كېرەك، ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشالايمىز. مەدەنىيلىكنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇشقا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىغا، شۇنداقلا ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىدا مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشىمىزغا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور ياردەمچى كۈچ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ياشانغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىش، يول سورىغانلارغا قىزغىنلىق بىلەن يول كۆرسىتىپ بېرىش، مۇلازىمەت كۆزنىكىدىكىلەر ئاممىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش، شەھەر قۇرۇلۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش... روشەنكى، ھەممەيلەن بۇ ئىنچىكە ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ۋە ئۆز خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، بىزدە ھەر بىر خىزمەت كۈنىمىزنى بەرپا قىلىش كۈنى دەپ قارايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق، ھەر بىر بەرپا قىلىش كۈنىنى خىزمەت كۈنى دەپ بىلىدىغان نورمال كەيپىيات بولۇشى كېرەك، بىز يەنە گۈزەل غايە تۇرغۇزۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىشىمىز، ھەممەيلەن مەدەنىيلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە مەدەنىيلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كىشىلەرلا ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلمايدۇ، گۈزەل شىنجاڭ مەدەنىيلىك يولىدا داغدام قەدەم بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى