1. كەچتە دائىم قاۋاقخانىغا بارىدىغان ئەرلەر. بۇ خىلدىكى يىگىتلەر غەزەپ-نەپرىتى ئېنىق، ئىچ مىجەز كېلىدۇ.
2. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كىنو كۆرىدىغان ئەرلەر. بۇخىلدىكى يىگىتلەر ئابرۇيپەرەس كېلىدۇ، ئۇلار خىزمەتتىن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق. غايىۋى دۇنياسىدىن بېرى كېلەلمەيدۇ، كەچتە بولسا، غايىۋى ئارزۇسىنى كىنو كۆرۈش ئارقىلىق قاندۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتكە نىسبەتەن مول تەسەۋۋۇرى ۋە ئۆز ئالدىغا ئۆلچىمى بار، ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان قىزلارنى تاپقاندا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىشىدۇ.
3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب كۆرىدىغان ياكى مۇزىكا ئاڭلايدىغان ئەرلەر. بۇ خىلدىكى يىگىتلەر كەلگۈسىگە نىسبەتەن كۆڭلىدە ئېنىق سان بولىدۇ. ھاياتقا قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇپ، خىزمەتتە جاھىل كېلىدۇ، ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى بىلەلەيدۇ. بۇ خىلدىكى يىگىتلەر مۇھەببەتتە سۈپەتنى ساندىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۆزى سۆيگەن قىزغا بىر ئۆمۈر سادىق بولىدۇ.
4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېمەكلىك يېيىشكە ئامراق ئەرلەر. بۇ خىلدىكى يىگىتلەر ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، خىزمەت ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىدۇ.
(«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى)