بەزى ئاياللار دائىم تېرىسى قىزىرىپ ئىششىپ قىلىش، قىچىشىش، تېرىسى چۈشۈش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ تېرىنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
1.يۈزنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇش، سوپۇن ياكى ئەتىر سوپۇن ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
2.سۈپىتى ناچار، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3.ئۇزاق مۇددەت ئاپتاپ ئاستىدا ياكى ھاۋا بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرماسلىق؛ سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك.
4.يېتەرلىك ئۇيقۇغا ۋە ياخشى كەيپىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاچچىق، مايدا پىشۇرغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك؛ يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، بېلىق، راك قاتارلىق ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5.گۈل چېڭمۇ تېرىنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەتىيازدا گۈل چېڭى كۆپ چاغلاردا سىرتقا چىققاندا ئاسانلا رېئاكسىيە ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ساغلاملىق ساۋاتى
تېرە ئاسراشنىڭ ئەپچىل چارىسى: تەرخەمەك ياپراقچىسى، ئاغىچىيۇغۇچ شىرنىسىنى ياكى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان مەلھەمنى يۈزگە سۈركەپ بەرگەندە، ناچار تېرىنى ياخشىلاپ، رېئاكسىيە بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
«ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى