تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلققە نەپ يەتكۈزۈش − ئاچقۇچ

  − مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ (2)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  خەلققە نەپ يەتكۈزۈش − مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتى، شۇنداقلا ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى قاتارلىق مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەرلەر خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش «چوڭ نىشان»ىنى ئەمەلىي «مېھىر- شەپقەت»كە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىنى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ۋە نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى.

  مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ نىشانى ۋە تەلىپى − پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىيەت مۇھىتى، دېموكراتىك، ئادىل قانۇنچىللىق مۇھىتى، باراۋەر، سەمىمىي بازار مۇھىتى، ساغلام ئالغا باسقان ئادىمىيەت مۇھىتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتى، ئازادە، قولاي تۇرمۇش مۇھىتى، بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىشتىن ئىبارەت. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر كۆرسەتكۈچ، ھەر بىر مەزمۇن خەلقنىڭ ئەمەلىي مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  بۇ نىشان ۋە تەلەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش جەريانى دەل خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانى. 52 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يولغا قويۇلغان «كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان 140 تىن ئارتۇق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇشتەك ھالەتنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. ئۈچ يىل جەريانىدا، 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۈرۈمچى كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇ شەھەرنىڭ ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. سانجى شەھىرى مەدەنىي يول يۈرۈش، مەدەنىي غىزالىنىش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش، مەدەنىي تورغا چىقىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىقى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۈرۈش، كوزىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر تۈركۈم «ئەڭ پەزىلەتلىك سانجىلىق»، «ئەڭ پەزىلەتلىك تازىلىق ئىشچىسى» بارلىققا كەلدى، بىر تۈركۈم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى باھالىنىپ، «ئۈلگىلەرنىڭ تەسىرى» مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشتىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

  كونىلاردا «ئەلگە ياققىنى ئالتۇندىن ئەلا» دەيدىغان گەپ بار. بەلگىلىك مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالايدىغان «ئالتۇن ئۆلچەم». ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەجرىبىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك پائالىيەتلەر، تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتكۈل مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش جەريانىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ۋە بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، تۈگىمەس ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلالايدۇ.

  شەھەر مەدەنىيلىكىگە ئىنتىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، باسقۇچلۇق خىزمەت بولۇپلا قالماي، يەنە مەڭگۈلۈك جەريان بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامما تۇرمۇش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. بىز مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھىرىمىزنى تېخىمۇ مەدەنىي، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى