تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

قانداق قىلغاندا ئاچچىقنى يەڭگىلى بولىدۇ

    1. ئىمكانقەدەر بەدەننىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەل بولغان ھامان داۋالىنىپ، بەدەننىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    2. كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ. دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراڭ، مەسىلەن دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش، ناخشا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاچچىقنى پەسەيتىش كېرەك.
    3. ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىپ، پاسسىپ ئېنېرگىيەنى قەتئىي چەكلەڭ. ئاكتىپ ئېنېرگىيە بولسا ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق، ئالغا ئىنتىلىشچان بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ۋەتەننى ۋە ئائىلىسىنى سۆيۈش، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە  قىلىش، چىقىشقاق ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پاسسىپ ئېنېرگىيە بولسا ئۆچمەنلىك، خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كىلىدۇ، شۇڭا پاسسىپ ئېنېرگىيەدىن يىراق تۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
   4. قانائەتچان بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، قانائەتچان بولۇپ ھەر جەھەتتىن تىرىشسىڭىزلا، خوشاللىققا ئېرىشەلەيسىز.
   5. سىزگە قارشى پىكىردە بولغانلارغا ئاچچىقلانماڭ. قارشى پىكىرگە ئۇچرىغاندا ئاچچىقلانماي،كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىڭ.
   6. ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيەسىنى باشقىلارغا تاڭماڭ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ. بەزىلەر ئۆز ئىدىيەسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۆزى نېمە قىلسا، باشقىلارنىمۇ شۇنى قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز پىكىرىڭىزنى ئۇلارغا تاڭماڭ.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى