تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى

   (2017–يىل 5–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ29–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (42 – نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى›› 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى (تۆۋەندە قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دېيىلىدۇ) دېگىنىمىز، پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى، موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى، غاز بويۇن بۆكەن قاتارلىق كۆپ خىل قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار تۈرى ئاساسلىق ياشاش ماكانى قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت دائىرىسى، پاسىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلغىنى بويىچە بولىدۇ.

  3 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

  4 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، قاتتىق قوغداپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى رايون تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قاتتىق قوغدىشى كېرەك.

  6 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا مەمۇرىي رايون ھالقىغان بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قاراشلىق قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇھاپىزەت رايونىدىكى تەبىئىي بايلىق ۋە تەبىئىي مۇھىتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

  (1) ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە فاڭجېن – سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛

  (2) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئومۇمىي پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش؛

  (3) باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش؛

  (4) تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش، مۇھىتنى ئۆلچەشكە تەشكىللەش؛

  (5) پەن تەتقىقاتى خىزمىتى ۋە ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى، تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىگە تەشكىللەش؛

  (6) ئورماننى قوغداپ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش، يۇقۇم مەنبەسى ۋە يۇقۇمنى تەكشۈرۈش، ئېكولوگىيە پاراۋانلىق ئورمىنىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش؛

  (7) دالىغا قويۇپ بېرىلگەن پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتىنى قوغداش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

  (8) تەبىئىي بايلىققا، تەبىئىي مۇھىتقا ۋە قوغداش ئەسلىھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  7 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ئوبلاستلىق (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش، تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش – تىرانسپورت، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئالاقىدار قوغداش مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادا قىلىدۇ.

  8 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك كەسىپ رايونى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە قوغداش ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش – قوغداش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەت رايونىنى ئايرىپ، قوغداش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  9 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە تەبىئىي بايلىقنى ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  10 – ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تەبىئىي بايلىققا ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

  تەبىئىي شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش، ئىئانە قىلىش شەكلى بىلەن قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  2 – باب پىلانلاش ۋە قۇرۇش

  11 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە تەبىئىي مۇھىت ئەھۋالى، ياۋايى ھايۋانلار مەركەزلىك تارقالغان رايونلار، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانى، كۆچۈش يولى شۇنىڭدەك ئادەملەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللىشى ھەمدە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىدىن ۋە قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)دىن شۇنىڭدەك جامائەتتىن پىكىر ئېلىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا دەلىللەش ۋە ئىسپات ئاڭلاش كېرەك.

  12 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەستىقلانغان ئومۇمىي پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە بولمايدۇ؛ ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە قايتىدىن تەستىقلىتىش كېرەك.

  13 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، ئورمان يېرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىق قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئالاقىدار يىرىك پىلانلارنى تۈزگەندە، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن يازما پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۇنى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.

  14 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى يادرولۇق رايون، ئارىلىق رايون ۋە تەجرىبە رايونى دەپ ئايرىلىدۇ، رايونلار بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەستىقلانغان قوغداش دائىرىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئاساسەن، رايون پاسىلى بەلگىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايون پاسىلى بەلگىسىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ پاسىل بەلگىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايون پاسىلى بەلگىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  15 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، پەن تەتقىقاتى قىلىش، ئۆلچەش ۋە سىگنال بېرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  16 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئەھۋالى ۋە ئادىتى شۇنىڭدەك ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ياۋايى ھايۋانلار يەم – خەشەك بازىسى، ئىچىملىك سۇ نۇقتىسى ۋە يەم بېرىش نۇقتىسى قاتارلىقلارنى ئىلمىي قۇرۇشى كېرەك.

  تەبىئىي ئاپەت ياكى ھادىسە ئاپىتى يۈز بەرگەندە، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاپ چىقىشى ھەمدە يول ئېچىش، پاناھگاھ قۇرۇش، سۇ، يەم تولۇقلاش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەسىرگە ئۇچرىغان ياكى تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشى كېرەك.

  17 – ماددا ئايرودۇرۇم، تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق ۋە سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر، لىنىيە تاللىغاندا، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن چەتنىتىش؛ چەتنىتىشكە ئامال بولمىغاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

  قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇلۇش تۈرى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش ۋە تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش؛ قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنىمۇ تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك؛ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئەسلىھەلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىسا ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولسا، قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

  18 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ئېلىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشتا، شۇ ھۆججەت دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، گوۋۇيۈەن ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

  19 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قۇرۇلۇپ بولغان تۈرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇۋېتىشى؛ چۇۋۇشقا ئامال بولمىغاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش يولى ياكى كارىدورى ئېچىپ بېرىشى كېرەك.

  20 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سودا خاراكتېرلىك كان چارلاش ھوقۇقى، كان قېزىش ھوقۇقى ۋە سۇ ئېلىش ھوقۇقى تەسىس قىلىنغان بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى چېكىندۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشقا تەشكىللەيدۇ.

  21 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىرتىدىكى بەش كىلومېتىر دائىرە سىرتقى قوغداش بەلبېغى بولىدۇ.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ سىرتقى قوغداش بەلبېغىدا قانۇن بويىچە قېزىلما بايلىقنى ئېچىش، كەسىپ رايونىدا تىجارەت قىلىش شۇنىڭدەك باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان رايون ۋە ئېكولوگىيەلىك كۆچۈش كارىدورى ئېچىشى، چىتلاق، توسۇق تور بېكىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىنىڭ پايدىسىز تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ سىرتقى قوغداش بەلبېغىدا قىلىنغان ئالاقىدار پائالىيەتلەر ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەندە، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە تۈزەش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  22 – ماددا ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىش پائالىيىتىدە قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە تەبىئىي مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، كىم بۇزسا، شۇ تۈزەش، كىم مەنپەئەتلەنسە، شۇ تۆلەم بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئېكولوگىيە زىيىنىغا تۆلەم ۋە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

  3 – باب قوغداش ۋە باشقۇرۇش

  23 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەڭشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەقىقەتەن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى تەڭشەشنى باشقۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى بويىچە ئىش كۆرۈش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا، ئېكولوگىيە جەريانىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  24 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:

  (1) بوز يەر ئېچىش، دەرەخ كېسىش، ئۆرتەش، كان چارلاش، كان قېزىش؛

  (2) يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش، تارتىش ياكى تەبىئىي ئېقىن سىستېمىسىنى توسۇش؛

  (3) شېغىل تاسقاش، قۇم كولاش، توپا ئېلىش ياكى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقاتمىسىنى كولاش؛

  (4) ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قېزىش؛

  (5) ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تاپى ۋە ھاسىلاتلىرىنى يىغىش؛

  (6) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش، سېتىش، سېتىۋېلىش، پايدىلىنىش ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

  (7) تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىش؛

  (8) سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن جانلىقلار ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى تەنچىلەرنى ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىقلار.

  25 – ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە چارۋىلارنى پەسىل خاراكتېرلىك ئەنئەنىۋى يايلىتىپ باقىدىغان چارۋىچىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئارىلىق رايونى ئىچىدە ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

  قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەجرىبە رايونى ئىچىدە مۇھىتنى بۇلغايدىغان، بايلىققا ياكى تەبىئىي مەنزىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا بولمايدۇ. باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىما دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

  26 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى ئورۇنلار، ئاھالە ۋە تەستىق بىلەن قوغداش رايونىغا كىرگەنلەر قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە بويسۇنۇشى، مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە قىلىشى كېرەك.

  27 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان دورا ياكى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. ئالدىنى ئالغۇچى، تىزگىنلىگۈچى ئورۇن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش پائالىيىتىنى باشلاشتىن 20 كۈن بۇرۇن پائالىيەت لايىھەسىنى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتقا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  28 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى چارۋىلارنىڭ قىشلاقلىرى بىلەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قىشلىق ماكانى گىرەلىشىپ كەتكەن رايونلاردا چارۋا يايلىتىشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  29 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەدبىر قوللىنىپ، ياۋا ئاتنىڭ ئەسلىي گېنىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوغدىشى كېرەك. ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى كۆپىيىدىغان مەزگىلدە، چارۋىچىلارنى كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆيدە بېقىۋاتقان ئاتلىرىنى پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ماكانىدىن ئايرىپ يىراقلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۆپىيىش جەھەتتىكى ئايرىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى يايلايدىغان رايوننى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  30 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىدا ۋە مۇھاپىزەت رايونىنىڭ نۇقتىلىق دائىرىسىدە تەكشۈرۈش پونكىتى، نۇقتىسى قۇرۇپ، مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ چىققان ئاپتوموبىل، ئادەملەرنى تىزىملىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

  4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  31 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 17 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  32 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 24 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ:

  (1) (1) تارماقچىدىن (3) تارماقچىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بايلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

  (2) (4)، (5) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

  (3) (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

  (4) (7) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بايلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

  (5) (8) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  33 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى ۋە 25 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ:

  (1) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ پاسىل بەلگىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

  (2) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ كىرگەنلەرگە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

  (3) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئارىلىق رايونى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ساياھەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ياكى تەجرىبە رايونى ئىچىدە مۇھىتنى بۇلغايدىغان، بايلىققا، تەبىئىي مەنزىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرغانلارنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

  (4) قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەجرىبە رايونى ئىچىدە باشقا قۇرۇلۇش قىلغانلاردىن چىقارغان بۇلغىمىسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ بۇلغىمىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا ئەسلىدىكى جازا سوممىسى ئاساسىدا كۈن بويىچە داۋاملىق جازا بېرىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولسا، تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، تىجارەتنى توختىتىشقا، تاقاشقا بۇيرۇيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  34 – ماددا قارامايلى تېغى مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى ئالاقىدار ئورمانچىلىق، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش، قاتناش – تىرانسپورت، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىر تۇتاش يۈرگۈزىدۇ، باشقا ئالاقىدار تارماقلار بۇ ھوقۇقنى قايتا يۈرگۈزمەيدۇ.

  35 – ماددا قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ، قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  36 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

  5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  37 – ماددا بۇ نىزام 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى