ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ بەخت خاتىرجەم ۋە ئىناق ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى گۈزەل ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
1. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاشكارا بولۇش كېرەك. ئىقتىسادتا ئاشكارا بولمىغاندا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ.
2. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىن تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىگە بىرخىل كۆز قاراشتا بولۇش كېرەك. چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرەتلەشتە «سېنىڭ، مېنىڭ» دەپ ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق، دوست-بۇرادەرلەرنىمۇ يىراق- يېقىن دەپ ئايرىماسلىق كېرەك.
3. ئۆزئارا ئىشىنىش كېرەك. پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە ئېغىر-بېسىقلىق، ئەدەپلىك ھەمدە قارشى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراش كېرەك. ھەرگىزمۇ يامانلاپ ئاچچىقلاپ قارشى تەرەپكە بېسىم ئىشلەتمەسلىك لازىم.
4. ئۆزئارا ئادەۋەت تۇتماسلىق كېرەك. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت كېلىپ چىققاندا ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك ئويلاش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىددىيەتلەرنى كىچىكلىتىشكە ھەمدە يوققا چىقىرىشقا تىرىشىش لازىم. ھەرگىزمۇ زىددىيەتنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى سىرتقا داۋراڭ سالماسلىق كېرەك.
5. ھەرگىزمۇ مېنىڭ راست دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ئائىلە ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغاندا كىمنىڭ يوللۇق بولسا شۇنىڭكىنى ئاڭلاش، كىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا شۇ باشقۇرۇش كېرەك.
6. پەرزەنت تەربىيەسىدە پوزىتسىيە بىردەك بولۇشى كېرەك. بىر قىسىم ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرنى باشقۇرغاندا بىردەكلىك بولمىغانلىقتىن ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. تۇرمۇشتا ئۆزئارا كۆيۈنۈش كېرەك. قارشى تەرەپ بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزئارا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئازابتىن تېزدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى