تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

سودىيەلەر مەكتەپكە بېرىپ 19 –قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹ئىنتىل›› كەسىپ – تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات ئابلەي پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئارقىدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قانۇن بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم دېلولار ئارقىلىق ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

  پەرھات ئابلەي مۇنداق دېدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، لېكىن قىسمەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن كۆز قارىشى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۇلارغا قارىتا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بېرىش زۆرۈر ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ ‹‹ئىنتىل›› كەسىپ – تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەلىم ياقۇپ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە ئەزاسى، مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجىن – سىياسەتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇقى، مېھىر – شەپقىتىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  شىنجاڭ ‹‹ئىنتىل›› كەسىپ – تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى مۇرادىل ئۆتكۈر مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى لېكسىيە ۋە پائالىيەتتىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى بىز بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى›› دەپ كۆرسىتىلگەن. مەن ھازىرقى قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتىمنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى