تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتكۈل دۇنيا جۇڭگوغا ئاپىرىن ئوقۇماقتا

مۇھەررىردىن: پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىسىدە تۇرۇپ، خەلقئارا – دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا، يەنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يەتمەكچى بولغان تەرەققىيات سەۋىيەسىگە 2035 – يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇساپە 15 يىل قىسقارتىلدى؛ 2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، دەپ بېكىتىلدى.

     ئارزۇ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىردىن باشلاپ 2020 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل. قالغان ئۈچ يىلدا 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى ئىقتىساد تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان، پەن – مائارىپ تېخىمۇ راۋاجلانغان، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلانغان ھاللىق جەمئىيەتكە تەڭ قەدەم قويغۇزۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەنتەنىلىك ۋەدىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ۋەدىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىكلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك، تىنچ، ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشەندى ۋە ھەۋەس قىلىشتى...

    يېقىندا شىنخۇا تورى «پۈتكۈل دۇنيا جۇڭگوغا ئاپىرىن ئوقۇماقتا»تېمىسىدا فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى، بۈگۈن بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى