تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىن 1161 ئادەم دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھاندىن ئۆتتى

   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھان نەتىجىسى 21-نويابىر ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى رايونىدىن 1161 ئادەم بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتتى. مۇخبىرنىڭ 21-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى رايونىدىن 6022 ئادەم  دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئۆتۈش نىسبىتى %17.6 بولغان، ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ۋە ئۆتۈش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان .

   ئىگىلىنىشىچە ،دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى سىياسەتنى كەڭ قويۇۋېتىش بەلگىلمىسىگە ئاساسەن،بۇ يىل ئىمتىھان سىياسىتى  كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان يەرلەرنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى تۆت تۈرگە ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ قاتارلىق تۆت ئاپتونوم رايوننىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 305 نومۇر بولغان.

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن 1161 ئادەم ئىچىدە مەملىكەت بويىچە لاياقەتلىك نومۇر چېكى 360 نومۇرغا يەتكەندىن 329 ئادەم، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشتىن  بەلگىلىگەن 305 نومۇرغا يەتكەندىن 832 ئادەم بار ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئادۋوكات گۇۋاھلىقى  باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇھەجەر تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 53 ياش، ئەڭ كىچىكى 20 ياش ئىكەن، ئوتتۇرىچە ياش 28 ياش بولۇپ، ياشلار كۆپ ئىكەن.

بۇھەجەر تۇرسۇن ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى(http://www.moj.gov.cn )، جۇڭگو قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى(http://www.legalinfo.gov.cn ) ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۈندىدار سالونى ۋە جۇڭگو قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى