ئۆز خەۋىرىمىز: 20 - نويابىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى داتۇڭ شەھىرىنىڭ جيۇخۇا بازىرىدىكى كىيىم ـ كېچەك كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا غۇلجا ناھىيەسىدىن كەلگەن تىككۈچىلەر كىيىم تىكىش ماھارىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان كىيىم -كېچەك كارخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.
شىنجاڭلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر، خۇيزۇ ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغان 36 قىز نەنتۇڭدا تىككۈچىلىك ھۈنىرى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە 2000 يۈەندىن مائاش بېرىلىدىكەن، بېرىش-كېلىش كىرا ھەققى، تاماق، ياتاق، سۇغۇرتا قاتارلىق بارلىق چىقىملارنى غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە نەنتۇڭدىكى يەرلىك كارخانىلار ئۈستىگە ئالىدىكەن.