تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان

  مەن جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاددىي قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئىزچىل پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ ۋە تەربىيەسىنى ئېلىپ، قەدەممۇ قەدەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، جان- دىلىم بىلەن پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىم، مەن ھازىرقى مۇقىم، ئىناق ۋەزىيەتنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشى تېخىمۇ بولمىغان بولاتتى. مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن زېھنىم ۋە قان- تەرىمنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلايمەن.

  پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ياخشى يېتەكلەيمەن ھەم شۇ توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن.

  دىققىتىمنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قەتئىي ھالدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بارلىق خىزمەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلايمەن، ئورۇنلاشتۇرىمەن ۋە قانات يايدۇرىمەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشنى باشتىن- ئاخىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرىنى قەتئىي قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتچىسى بولۇپ، چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، ئەمەلىي كۈچۈم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقان بولىمەن، دوستلىشىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  سىياسىي ئىنتىزامغا باشتىن- ئاخىر قاتتىق ئەمەل قىلىمەن. پارتىيەۋىلىكىمنى ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئاڭلىق ھالدا كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن. زىددىيەتكە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، خەتەردىن قورقماي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ھەرقانداق سورۇن، ھەرقانداق ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ پىرىنسىپى ۋە سىياسىتى بويىچە ئىش قىلىپ، پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن.

  مەسئۇلىيىتىمنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئادا قىلىمەن. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى قەلبىمدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن- ئاخىر كۈرەش نىشانىم قىلىپ، «ھەممە جاينى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش»تەك مەسئۇلىيەتچانلىق، «خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان» خەلقنى سۆيۈش روھى بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى