تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ يىل ئىلى ئوبلاستىدىكى توققۇز كەنتكە «جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» دەپ نام بېرىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز:  2-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» گە نام بېرىش ۋە يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 17-نويابىر غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسى بۇلاق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ،  2014-يىلى غۇلجا شەھىرىدىكى دۆلەتباغ مەھەللە ئىش باشقارمىسىغا نام بېرىلگەندىن بۇيان، غۇلجا شەھىرىدىكى يەنە بىر ئورۇنغا دۆلەتلىك مىللەتلەر  ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» دەپ نام بېرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   بۇلاق كەنتىنىڭ « شىنجاڭ تارانچى مەدەنىيىتىنىڭ 1 – كەنتى»دېگەن چىرايلىق نامى بار، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك كەنت، ئوبلاست دەرىجىلىك يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنت، شەھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت،  دېگەندەك نامى، شەرەپلىرى بار. بۇ قېتىم بۇ كەنتنىڭ 2-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۆزگىچە كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   2009- يىلىدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ تەكشۈرۈپ تاللاپ چىقىشى نەتىجىسىدە 28 كەنت (بازار) ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنت (بازار) لىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق نۇقتا تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يىل ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بۇلاق كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كەنتكە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە 2-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى»  دەپ نام بېرىلگەن(قالغان سەككىز كەنت نىلقا ناھىيەسىنىڭ  ئەمىربۇلاق ئەترىتى، كېلەڭ يېزىسىنىڭ قىزىل تۇمشۇق كەنتى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرى يانبۇلاق كەنتى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ سارقوبۇ يېزىسىنىڭ سارقوبۇ كەنتى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ تېكەس بازىرى بوستان كەنتى، قارادالا يېزىسىنىڭ چوڭقۇشتاي كەنتى، تېكەس بازىرىنىڭ قوشكۆل كەنتى، چولاقتېرەك بازىرىنىڭ خېزىر قورۇ كەنتى).

(پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى)

 .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى