تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مول ۋە ئۆزگىچە سەنئەت ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى زورەم ياسىن

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەر دەۋر بۆلگۈچ ۋە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ۋەتەندە تۇغۇلغانلىقىمدىن، مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

  ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەربىر قەدىمىمگە پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمخورلۇقى سىڭگەن. ۋەتەن مەن ئۈچۈن يۆلەنچۈك بولۇپلا قالماي بەلكى مۇستەھكەم ئېتىقاد. مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماي، بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولىمەن، «ھەقىقىي تۇتقاندىلا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ»دېگەن تەلىمنى ھەرۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، «تەلىم بېرىش، كەسىپ ئۆگىتىش، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىش» مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى، بىز باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى خەلق ئارىسىدا» دېگەن مۇھىم كۆرسەتمىسى بويىچە، «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈچنى چەكلەش (يەنى، سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئاڭلىق ھالدا پەسكەشلىك، چاكىنىلىق، خۇشامەتچىلىكنى چەكلەش)»تىن ئىبارەت ئىجادىيەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۇرمۇشقا چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش»ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلققە تېخىمۇ يېقىنلاشقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمىز.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن، شۇڭا ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ تىنچ تۇرمۇشىمىزغا ھە دەپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلەر، زوراۋان- تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، قەتئىي چېكىنمەيمەن. خىزمەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. ئادەم تەربىيەلەشتە، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە سەنئەت كەسپى تەربىيەسىنى چىڭ تۇتىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئەمەلىي خىزمىتىمگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، كاللامنى دائىم سەگەك تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، مېھىر- مۇھەببەتنى تەشۋىق قىلىمەن.

  مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ئەمەل قىلىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىمەن. سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىي ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە ئۆزگىچە سەنئەت ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى