تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان ئىلىمان قايناقسۇ ئىچىۋېتىشنى چوقۇم ئۇنتۇماڭ. بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز ساغلاملىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالايسىز.

قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ناشتا قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. چۈنكى  ناشتا قىلماسلىق ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە بىر قۇر سەپسېلىشنى ئۇنتۇماڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ مەسخىرىسىدىن ساقلىنالايسىز.

بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىغانلىقىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈۋېلىڭ. ئاۋارىچىڭىقتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، ئۇلارنى شۇ كۈنىلا تۈگىتىۋېتىشىنى ئۇنتۇماڭ.

سەھەردە ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان تونۇش-بىلىشلىرىڭىزدىن كۈلۈمسىرەپ تىنچ-ئامانلىق سوراشنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى سەمىمىي ئەھۋال سوراش ئىككىلا تەرەپنى خۇشاللىققا چۆمدۈرەلەيدۇ.

بۈگۈن بىرەر يېقىنلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمۇ ئەسلەپ بېقىڭ. ئەگەر شۇنداق بولسا قانداق ئۇسۇلدا بولسۇن تەبرىكلەشنى ئۇنتۇماڭ.

  ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ بايلىقىڭىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىڭ ھەم ئۇنى قەدىرلەشنى ئۇنتۇماڭ. كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئۇرۇق-تۇققان، ساۋاقداش، دوست-يارەنلىرىڭىزدىن كۈندە بىرەرى بىلەن تېلېفۇنلىشىپ تۇرۇڭ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرالايسىز.

ھاياتىڭىز ھەمىشە مەنىلىك ئۆتۈشى ناتايىن. ئوڭۇشسىزلىققا، پېشكەللىككە يولۇققىنىڭىزدا ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بولىدىغان ياخشى ئۇسۇلدىن بىرنى تېپىۋېلىڭ.

سىزگە بېرىلگەن خىزمەت ھۆددىسىدىن ئەستايىدىل چىقىڭ.

ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن كۈندە قاينىتىلغان بىر ئىستاكان سۈت، بىردانە ئالما يېيىشنى ئۇنتۇماڭ، يېيىشتىن ئاۋۋال ئازراق ھەرىكەت قىلىڭ.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى