تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ج خ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ ج خ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى 21-نويابىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونىغا بېرىپ، ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتىدىكى ئىنژېنېر ئادىلجان شېرىپ نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كونكرېت ۋەقەلەر، مىساللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئەسكەرتتى.

  لېكسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوت مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى.

  شىنجاڭ ج خ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقاتچىسى دۇڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپتە ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتى ئەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق بىر ئائىلىنى يېتەكلىگىلى بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى