كولۇمبىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان رەڭلىك دەريا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاجايىپ مەنزىرە بولۇپ، خىرۇستال دەريا دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇ دەريانىڭ رەڭگى گويا ھەسەن-ھۈسەن كەبى سەرخىل بولغاچقا، يەرلىكلەر ئۇنى ھەسەن-ھۈسەن سۈيى دەپمۇ ئاتايدىكەن.
دەريا سۈيىنىڭ بەزى يەرلىرى قىزىل، سېرىق رەڭلەردە بولسا، يەنە بەزى يەرلىرى يېشىل، كۆك رەڭلەردە ئىكەن.
ئىلگىرى كىشىلەر خىرۇستال دەريانىڭ رەڭدارلىقىنى لەش ۋە مۇخنىڭ تەسىرىدىن دەپ پەرەز قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ يەردىكى داڭلىق سۇ ئۆسۈملۈكى ماكارىنانىڭ تۆھپىسى ئىكەن. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئىكەن، يېتەرلىك سۇ مىقدارى ۋە كۈن نۇرىنىڭ بىۋاستە چۈشۈشى بىلەن مۇشۇنداق گۈزەل رەڭلەر جۇلالىنىدىكەن.